جېيمىس ۋىلسون: «خىتاينىڭ ھاكىممۇتلەقلىق ئارقىلىق باشقىلارنى كونترول قىلىشى ‹1984› نىڭ نەق ئۆزى!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019.06.13

ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىجتىمائىي كىرىزىسنىڭ دۇنياۋى تېمىلاردىن بولۇشىغا ئەگىشىپ بۇ ئەھۋاللار ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزىدىغان ئوبزورچىلار بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. ياۋروپا ئىتتىپاقى قارمىقىدىكى سودا كونسۇلىنىڭ دىرېكتورى جېيمىس ۋىلسون ئەنە شۇ خىل كىشىلەرنىڭ بىرى.

ئۇنىڭ 11-ئىيۇن كۈنى «بىريۇسسېل تېز پوچتىسى» دا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە ئۇ ئۆزىنىڭ ياش ۋاقىتلىرىدا جورجى ئورۋېلنىڭ «1984» ناملىق رومانىنى ئىشتىياق بىلەن ئوقۇپ چىققانلىقى، ئەمما روماندا تەسۋىرلەنگەن ئەھۋالنى ئۆزىنىڭ «رېئال دۇنيادا ھېچقاچان يۈز بەرمەيدىغان ۋەقە» دەپ قاراپ كەلگەنلىكى، ھالبۇكى نۆۋەتتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشلىرىنىڭ بۇ روماندىكىدىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ چۈشكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.

جېيمىس ۋىلسوننىڭ قارىشىچە، روماننىڭ ئاپتورى مۇشۇنداق بىر ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ بارلىققا كېلىشىنى پەرەز قىلغان ھەمدە بۇنى 1984-يىلى مەيدانغا كېلىدۇ، دەپ قارىغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئەمما ماقالە ئاپتورى بۇ ھالنىڭ 2016-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلار دىيارىدا بارلىققا كەلگەنلىكىنى، شۇنىڭدەك جورجى ئورۋېلمۇ تەسەۋۋۇر قىلمىغان يۇقىرى پەن-تېخنىكا ئامىللىرىنىڭ بۇ ھالغا تەدبىقلانغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىريۇسسېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ۋانېسسا فېرانگۋېللىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېرلارنى تەكشۈرۈش، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل باستۇرۇشلىرىغا «شېرىك» بولۇپ قالغان چەتئەل كارخانىلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇش چاقىرىقلىرىغا ئۆزىنىڭمۇ ئاۋاز قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ھازىر خوڭكوڭدا داۋام قىلىۋاتقان مىليون كىشىلىك نامايىشمۇ دەل مۇشۇ خىل ھاكىممۇتلەقلىق ئارقىلىق باشقىلارنى كونترول قىلىشقا قارشى ئوتتۇرىغا چىققان خەلق ھەرىكىتى ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.