خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ناھىيە دەرىجىلىك كۆپلىگەن ئورۇنلاردا ئايرودروم قۇرۇۋاتقان بولۇپ، شۇلار قاتارىدا موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىگە سېلىنغان «تۇلپار ئايرودرومى» يېقىندا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. خىتاي باشقۇرۇشىدىكى شىنخۇا ئاگېنتلىقى بولسا بۇ ھەقتە مەخسۇس خەۋەر بېرىپ، «شىنجاڭدىكى تۇنجى ئېگىزلىك ئايرودرومى ئىشقا كىرىشتى. ئۈرۈمچى-موڭغۇلكۈرە ھاۋا يولىدا 22-ئاپرېلدىن باشلاپ رەسمىي ئايروپىلان قاتنايدۇ» دېگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە بۇ ھاۋا يولىدا ھەپتىسىگە ئۈچ قېتىم ئايروپىلان قاتنايدىغان بولۇپ، پۈتۈن مۇساپە بىر يېرىم سائەتتە تاماملىنىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن موڭغۇلكۈرەگە بېرىش ئۈچۈن غۇلجا شەھىرىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈشتەك ئەھۋالغا خاتىمە بېرىشكە بولىدىكەن.
خەۋەردە گەرچە بۇ ھاۋا يولىنىڭ ئېچىلىشى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ ساياھەتچىلىكىنى گۈللەندۈرۈشتە زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى ھەققىدە تەپسىلىي بايانلار بېرىلگەن بولسىمۇ، مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭ ساياھەتچىلىكنى ئەمەس، ئەكسىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي ئېھتىياجى ئۈچۈن قۇرۇلغانلىقىنى ئالغا سۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» ئارقىلىق غەربكە كېڭىيىشى ھەققىدە كۆپلىگەن پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقاندا بەزىلەر بۇ خىلدىكى ناھىيەلەردە ئايرودروم قۇرۇشنىڭ پۇقراۋىي ئېھتىياجنى ئەمەس، ئەكسىچە سىياسىي ئېھتىياجنى كۆزلەۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتىكەن.