خىتاينىڭ «Hikvision» شىركىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتىكى رولى يەنىمۇ ئېنىق ئاشكارىلانغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2022.06.16
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاينىڭ كۆزىتىش كامېرا شىركىتى بولغان «Hikvision» نىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتى بارلىقى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسپاتلانغان.

دۇنيادىكى نازارەت كامېرا سىستېمىلىرى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان «IPVM» تەتقىقات شىركىتى 14-ئىيۇن كۈنى يېقىندا ئاشكارىلانغان «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دىكى سانلىق مەلۇماتلارنى تەتقىق قىلىش ئاساسىدا بىر يېڭى دوكلات تەييارلاپ چىققان بولۇپ، ئۇلار «Hikvision» شىركىتى كامېرالىرىنىڭ تارتقان كۆرۈنۈشلىرىنىڭ بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ قولغا ئېلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بايقىغان. ئۇلار بۇ سۆرەتلەرنى تارتقان كامېرالارنىڭ نومۇرلىرىغىچە ئېنىقلىغان ئىكەن.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، «Hikvision» كامېراسى بىر ئۇيغۇر ئەر كىشى ھەيدەۋاتقان ئاپتوموبىلنىڭ رەسىمىنى تارتقاندىن كېيىن، ئۇ ئاپتوموبىلنىڭ نومۇر تاختىسىدىكى نومۇر ئاپتوماتىك ھالدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساقچى سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا ئەۋەتىلىپ سېلىشتۇرۇلۇپ كىملىكى ئېنىقلاپ چىقىلغان ۋە نەتىجىدە ئاپتوماتىك ھالدا بۇ كىشىنى «دەرھال قولغا ئېلىش» بەلگىسى چىقىرىلغان. بۇ كىشى چەت ئەل بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارالغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىش بەلگىسى چىقىرىلغان ئىكەن.

دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، شىنجاڭ ساقچى تەرەپ 2018-يىلغا ئائىت ئىچكى ھۆججەتلەردىلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى 23 مىليون ئاھالىنىڭ ئۇچۇرلىرىنىڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا كىرگۈزۈپ بولۇنغانلىقىنى قەيت قىلغان ئىكەن. بۇ سانلىق مەلۇماتلار ئاتالمىش «بىر گەۋدىلەشكەن بىرلەشمە ئۇرۇش سۇپىسى» (IJOP) غا ئۇلانغان بولۇپ، ئاپتوماتىك ھالدا شەخسلەرگە دائىر بارلىق ئۇچۇرلارنى توپلاپ، شۇنىڭغا ئاساسەن «خەۋپلىك» كىشىلەرگە بەلگە قويۇپ ماڭىدىكەن. باش شتاب بولسا مۇشۇ ئۇچۇرلارغا ئاساسەن كىمنى تۇتقۇن قىلىشنى بۇيرۇيدىكەن.

«ئاكسىيوس» خەۋەرلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، Hikvision بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆز كامېراسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا قوللىنىلغانلىقىدەك خەۋەرلەرنى رەت قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بۇ يېڭى دوكلات چىققاندىن كېيىن بىر ئىنكاس بەرمىگەن. ئامېرىكادىكى خىتاي ئەلچىخانىسىمۇ جاۋاب بەرمىگەن.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى 2021-يىلى بۇ شىركەتنى «قارا تىزىملىك» كە كىرگۈزگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.