ھىلارى كىلىنتوننىڭ 5 نەپەر ئايال پائالىيەتچىنى قويۇپ بېرىش تەلىپى خىتاينى نارازى قىلدى

ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ھىلارى كىلىنتون سەيشەنبە كۈنى تۋىتېر تورىدا بايانات ئېلان قىلىپ، خىتايدىن بۇ يىل 8-مارت ھارپىسىدا تۇتقۇن قىلىنغان 5 نەپەر ئايال پائالىيەتچىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

ھىلارى كىلىنتون باياناتىدا، نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ 6-ئاپرېل دۈشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدىن نەقىل ئېلىپ،«خىتاي ئاياللار ھوقۇقى پائالىيەتچىلىرىنى باستۇرماسلىقى كېرەك» دېگەن.

بۇ يىل 8-مارت ھارپىسىدا لى تىڭتىڭ، ۋېي تىڭتىڭ، ۋاڭ مەن، جېڭ چۇرەن، ۋۇ رۇڭرۇڭ ئىسىملىك بەش نەپەر ئايال «ئاياللارغا قارىتا جىنسى تاجاۋۇزچىلىقنى توختىتىش»نى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلغانلىقى ئۈچۈن، بېيجىڭ ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلار تۇتقۇن قىلىنىپ بىر ئاي بولغان بولسىمۇ قويۇپ بېرىلمىگەن. تۇتقۇن قىلىنغان 5 ئايالدىن لى تىڭتىڭنىڭ ئادۋوكاتى يېن شىن سەيشەنبە كۈنى رادىئويىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «نۆۋەتتە، بېيجىڭ ساقچىلىرىنىڭ بۇ 5 ئايالنى رەسمىي قولغا ئېلىشنى تەلەپ قىلىپ، تەپتىش ئىدارىسىگە دوكلات سۇنغانلىقىنى، لى تىڭتىڭ قاتارلىقلارنىڭ ئۆز ئىشىنىڭ توغرىلىقىنى بىلدۈرۈپ، بېشىغا كېلىش ئېھتىمالى بولغان ھەرقانداق ئەھۋالغا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكى» نى بايان قىلدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 7-ئاپرېل سەيشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ سەيشەنبە كۈنى نارازىلىق باياناتى بېرىپ،«جۇڭگو قانۇن دۆلىتى، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ھازىر بۇ مەسىلىنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ھەرقانداق دۆلەت ياكى جامائەت ئەربابلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ ئەدلىيە قانۇن ئورۇنلىرىنىڭ ھوقۇقى ۋە مۇستەقىل قارار چىقىرىشىغا ھۆرمەت قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز» دېگەن.