ئۇيغۇر رايونى دائىرىلىرى ھۆكۈمەت سورۇنلىرىدا ھاراق قۇيۇشنى چەكلىگەن

ئۇيغۇر رايونىدا مۇسۇلمان ئۇيغۇر دۇكاندارلارنى ھاراق سېتىشقا مەجبۇرلىغان دائىرىلەر يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھۆكۈمەت، سوت ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ زىياپەت ۋە باشقا رەسمىي پائالىيەتلىرىدە ھاراق قۇيۇشنى چەكلىگەن.

خىتاي «يەر شارى ۋاقتى»گېزىتى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ بەلگىلىمىدە ھەر قانداق شەخس ۋە ئورگاننىڭ كەچلىك زىياپەت داخىل رەسمىي پائالىيەتلەردە ھاراق قۇيۇشى ياكى ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەرنى قۇيۇشى مەنئى قىلىنغان.

خەۋەردە، بۇنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت، قانۇن ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە ئاممىۋى ئورگانلارغا قارىتىلغانلىقىنى، ئەمما تاشقى ئىشلار ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىشقا ئالاقىدار پائالىيەتلەر بۇ بەلگىلىمىگە داخىل ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ئىلگىرى مۇسۇلمان ئۇيغۇر دۇكانلارنى ھاراق سېتىشقا مەجبۇرلىغان، رايوندا يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ھۆكۈمەت سورۇنلىرىدا ھاراقنى چەكلىشى دىققەت قوزغىدى. 2015-يىلى 5‏-ئايدا ئۇيغۇر ئىلىنىڭ جەنۇبىدىكى بەزى يېزىلاردا دائىرىلەرنىڭ يەرلىك مۇسۇلمان ئۇيغۇر دۇكاندارغا ھاراق سېتىشنى تاڭغانلىقى، ھاراق سېتىشنى رەت قىلغان دۇكانلارنى «دىنىي رادىكاللىق» تەسىرى بار دەپ،دۇكانلىرىنى تاقاشقا مەجبۇرلانغانلىقى ئاشكارىلانغان. جەنۇبىي ئۇيغۇر ئىلىنىڭ ئاقتاش يېزىسى كومپارتىيە ياچېيكىسىنىڭ كادىرى ئادىل سۇلايمان، مەجبۇرىي ھاراق -تاماكا سېتىش قارارى «دىندارلىقنىڭ كۈچىيىپ، مۇقىملىققا تەسىر يەتكۈزۈشىگە قارشى چىقىرىلغانلىقى»نى بىلدۈرگەن ئىدى.

خىتاي «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئىلى خىتاي ھۆكۈمەت سورۇنلىرىدا ھاراق قۇيۇشنى چەكلەش بەلگىلىمىسى چىقارغان 7‏‏-ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ئىكەن.