ھۆرىيەت گېزىتى: 15 مىڭ كېلومېتىرلىق قېچىش يولى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015.02.05

تۈركىيەنىڭ «ھۆرىيەت گېزىتى» تۈركىيەنىڭ قەيسىرى شەھىرىدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلار ھەققىدە خەۋەر بېرىپ، خىتاينىڭ دىنىي ئىبادەتنى جىنايەت قاتارىغا كىرگۈزۈشى، ئۇيغۇرلارنى كۆچۈشكە مەجبۇر قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەۋەردە، قەيسىرى شەھىرىگە ئورۇنلاشقان بەزى مۇھاجىرلارنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ شەرقىي -جەنۇبىي ئاسىيا ئارقىلىق تۈركىيەگە قېچىش جەريانىدىكى كەچۈرمىشلىرىنى تونۇشتۇردى.

خەۋەردە يەنە، قەيسىرى شەھىرىنىڭ 1950‏-يىللىرىدا ئۇيغۇر مۇھاجىرلارغا بىر قېتىم ساھىبخانىلىق قىلغانغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «بۇ قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن چىقىرىپ، شەرقىي تۈركىستاندا دىنىي ئىبادەتنى جىنايەت قاتارىغا كىرگۈزۈشى، ئۇيغۇرلارنى تۈركىيەگە كۆچۈشكە مەجبۇر قىلدى» دېگەن.

خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، 15 مىڭ كولومېتىرلىق يولنى بېسىپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللىك باشقا مۇساپىرلاردىن پەرقلىق بىر تەرەىپى بار. چەتئەللىك مۇساپىرلارنىڭ نىشانى تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا كېتىش، بىراق ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن تۈركىيە ئۇلارنىڭ ئاخىرقى بېكىتى.

خەۋەردە يەنە، ئۇيغۇرلار ئولتۇرۇشلۇق ئائىلىلىكلەر بىناسىغا شەرقىي تۈركىستان ۋە تۈركىيەنىڭ ئىككى غايەت چوڭ بايرىقى ئېسىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بىر مۇھاجىرنىڭ «ھازىر بىز بۇ يەردە ئىبادىتىمىزنى ئەركىن قىلىۋاتىمىز» دېگەن سۆزلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى 2014‏- يىلى نويابىردا قانۇن چىقىرىپ، ئاممىۋى سورۇنلاردا ئىبادەت قىلىش ۋە دىنىي كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىشنى مەنئىي قىلغان. خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىنى بېكىتكەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.