ھۈسەيىن خاققانى جاۋ لىجىيەننى «نومۇسسىزلىق» بىلەن ئەيىبلىدى

مۇخبىرىمىز سادا
2018.10.16

پاكىستاننىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق سابىق ئالىي دەرىجىلىك دېپلوماتى ھۈسەيىن خاققانى خىتاينىڭ ئىسلامئابادتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچى ياردەمچىسى جاۋ لىجىيەننى «نومۇسسىزلىق» بىلەن ئەيىبلىگەن. بۇ ئەيىبلەشنىڭ مەنبەسى ھۈسەيىننىڭ بىر نەچچە كۈن ئاۋۋال تۋىتتىردا ھەمبەھىرلىگەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا تۇتۇۋاتقان مۇئامىلىسى ھەققىدىكى ماقالىسىگە جاۋ لىجىيەننىڭ بەرگەن ئىنكاسىدىن بولغان.

«مالىيە تېز خەۋەرلىرى» گېزىتىنىڭ 16-ئۆكتەبىردىكى مۇناسىۋەتلىك خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، 62 ياشلىق ھۈسەيىن خاققانى نەچچە كۈن ئاۋۋال ئۆزىنىڭ تۋىتتىرىغا «لوندون ۋاقتى» گېزىتى ئېلان قىلغان «خىتاي ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى چوشقا گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلاۋاتىدۇ» ناملىق ماقالىسىنى ھەمبەھىرلىگەن. جاۋ لىجىيەن بۇ ماقالىگە ئىنكاس قايتۇرۇشنىڭ ئورنىغا خاققانىنى ئەيىبلىگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن يۇمۇرلۇق بىر ئىش. ۋىجدانى ۋە دۆلەت تەۋەلىكى يوق بىر ئادەم جۇڭگوغا ئاساسسىز ھۇجۇم قىلىشقا ئۆتۈپتۇ. بەك ئەپسۇس!»

جاۋ لىجىيەننىڭ بۇ خىل ئەيىبلىشىگە قارىتا خاققانى دىپلوماتىك قائىدە يوسۇننى چۈشەندۈرۈپ، دىپلوماتلار ئۆزى مۇلازىمەت قىلىۋاتقان دۆلەتنىڭ خەلقىگە ۋە ئۆز دۆلىتىگە بولغان ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيەسىگە ھۇجۇم قىلىشىغا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

خاققانى 15-ئۆكتەبىر، يەنى دۈشەنبە كۈنى PTI ناملىق تېلېۋىزىيە پروگراممىسىغا سۆز قىلىپ، مۇنداق دېگەن: «مەن جاۋ لىجىيەننىڭ خىتاينى ۋە خىتاينىڭ سىياسەتلىرىنى قوغداشتىكى ھەق-ھوقۇقىنى ھۆرمەت قىلىمەن. ئەمما ئۇنىڭ پاكىستانغا ۋەكىللىك قىلىپ تۇرۇپ مېنىڭ ئىسمىمنى ئاتاپ ئەيىبلەش قىلمىشى ھەقىقەتەن بىر ‹نومۇسسىزلىق›.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «مەن پەقەت ‹لوندون ۋاقتى› گېزىتى ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ چوشقا گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ماقالىنى سوئال بەلگىسى بىلەن قوشۇپ چىقىرىپ قويدۇم. بۇ خەۋەر يېقىندىن بېرى باشقا نۇرغۇن گېزىتلەردىمۇ ئېلان قىلىندى. جاۋ لىجىيەن مېنى مۇشۇ ئىش سەۋەبلىك دۆلەت تەۋەلىكى ۋە ۋىجدانى يوق دەپ ئەيىبلىدى.»

جاۋ لىجىيەن خاققانىنىڭ بۇ سۆزلىرىگە قارىتا ئۆزىنىڭ ئۇنى ئەزەلدىن پاكىستاننىڭ سابىق ئەلچىسى دەپ ھۆرمەت قىلىپ كەلگەنلىكى، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنداق قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.