بۇ يىل 1-مارت كۈنى نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان سىياسىي مەھبۇس ھۈسەيىن جېلىلنىڭ 45 ياشقا تولىدىغان خاتىرە كۈنى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ كانادادىكى ئوكۋىللە شۆبىسى كانادا باش مىنىستىرى ستېپېن ھارپېردىن ھۈسەيىن جېلىلنى قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلىپ چاقىرىقنامە ئېلان قىلدى. ھۈسەيىن جېلىلنىڭ تەرجىمالى قىسقىچە تونۇشتۇرۇلغان چاقىرىقنامىدە، ھۈسەيىن جېلىلنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئائىلە ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزۈشى كېرەكلىكى، ئەمما خىتاي تەرەپنىڭ ئۇنى تا ھازىرغىچە تۈرمىنىڭ يالغۇز كامىرىدا جازالاۋاتقانلىقى ۋە ھەتتا ئۇ ھەقتە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمەيۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.
تەشكىلات چاقىرىقنامىسىدە باش مىنىستىر ھارپېردىن خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ ئۆز ۋەتەندىشى ھۈسەيىن جېلىلنى تۈرمىدىن قۇتۇلدۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى. مەزكۇر تەشكىلات يەنە ئۆز ئەزالىرىنى ھۈسەيىن جېلىلنى قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلىپ باش مىنىستىر ھارپېرگە مەكتۇپ يوللاشقا چاقىردى. كانادادىكى ئورۋىنسور خەۋەر تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە مەزكۇر تەشكىلات 2007- يىلدىن باشلاپ ھەر يىلى 1-مارت كۈنى ھۈسەيىن جېلىل ھەققىدە تۇغۇلغان كۈن تەبرىك كارتىسى تارقىتىپ جامائەتچىلىكنى ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىگە دىققەت قىلىشقا ئۈندىمەكتە.