خىتاي پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى قانۇنسىز ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈشنى قاتتىق جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

خىتاي پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مەسئۇل ئەمەلدارى ۋاڭ يۈشىڭ خىتايدا ئادەم ئىچكى ئەزاسىنى كۆچۈرۈشنى نازارەت قىلىش سېستىمىسى قۇرۇپ، قانۇنسىز ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈشنى، ئېلىپ - سېتىشنى، ئىچكى قىسىمدا تەقسىم قىلىشنى ۋە مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزاسىنى كۆچۈرۈشنى قاتتىق جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، بۇ سۆزلەرنى دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر دوختۇرخانا ۋە ئىچكى ئەزا باشقۇرۇش ئورگانىنىڭ يىغىنىدا قىلغان.

ۋاڭ يۈشىڭ بۇ سۆزلەرنى قىلىشتىن بىر قانچە كۈن ئاۋۋال، كانادالىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئېتىن گۇتمان ئامېرىكا دېموكراتىيەنى ئالغا سۈرۈش فوندى جەمئىيىتىدە دوكلات بېرىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2000 - يىلدىن 2008 - يىلغىچە 65 مىڭ فالۇنگۇڭ مەھبۇسىنىڭ ئىچكى ئەزاسىنى ئېلىۋالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ يەنە، خىتاي سەھىيە ۋە ئەدلىيە دائىلىرىنىڭ تىل بىرىكتۈرۈپ، مەھبۇسلار ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىۋېلىش سودىسى 1990 - يىللىرى ئۇيغۇر ئىلىدىن باشلانغانلىقىنى، ئۇيغۇر سىياسى مەھبۇسلىرىنىڭ ئىچكى ئەزالىرى ئېلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئېتىن گۇتماننىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر سىياسى مەھبۇسلىرىنىڭ ئىچكى ئەزاسىنى ئېلىۋېلىش 1997 - يىلى يۈز بەرگەن غۇلجىدا «5 - فېۋرال ۋەقەسى»دىن كېيىن ئەۋجىگە چىققان. ئۇ، 12 - ئاۋغۇست خىتايدىكى قانۇنسىز ئىچكى ئەزا سودىسى تېما قىلىنغان «قىرغىنچىلىق» ماۋزۇلۇق كىتابىنىڭ نەشر قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن دوكلات بەرگەن ئىدى.