«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە 403 بەتلىك ھۆججەتنىڭ «ئادەمنى ۋەھىمىگە سالىدىغانلىقى» تەكىتلەندى

«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىدە 16‏-نويابىر ئېلان قىلىنغان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، لاگېرلارغا قاماش توغرىسىدىكى مەخپىي ھۆججىتى دۇنيا تاراتقۇلىرىدا زور غۇلغۇلا قوزغىماقتا.

ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەرنىڭ بىرى بولغان «ۋاشىنگتون پوچتىسى» 18‏-نويابىر كۈنىدىكى سانىدا مەزكۇر ھۆججەت ھەققىدە ئىككى پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئادەمنى بىئارام قىلىدىغان بەزى ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقى ئۆزلىرىگە خېلى ۋاقىتتىن بېرى ئايان بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ 403 بەتلىك مەخپىي ھۆججىتى ئۇنىڭ باستۇرۇش قىلمىشىغا دائىر ھەيران قالارلىق يېڭى دەلىللەر بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

«خىتاينىڭ دىكتاتورلارچە باستۇرۇشىنىڭ ھەيران قالارلىق دەلىلى» سەرلەۋھىلىك ماقالىدە، گەرچە خىتاي دائىرىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى يوشۇرۇپ، بۇ لاگېرلار كەسپىي تەربىيە مەركەزلىرى، دېگەندە چىڭ تۇرسىمۇ، لېكىن بۇنىڭغا ئۇلارنىڭ ئۆزىمۇ ئىشەنمەيدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

ماقالىدە قەيت قىلىنىشىچە، «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتى مۇخبىرلىرىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرى ئېلان قىلغان خەۋىرى، دۇنيادىكى ئىستىبدات ھۆكۈمەتلەرنىڭ بىرى بولغان خىتاينى چۈشىنىش ئۈچۈن قىممەتلىك بىر روجەك بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ، بۇ ھۆججەتلەر ئۇلارنى چۆچۈتۈۋەتكەن. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ شۇ كۈنكى سانىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە بولسا، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ مەزكۇر ھۆججەت ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر رايوندىكى يەرلىك خەلقلەرگە قاراتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئاشكارىلايدۇ، دەپ تەنقىدلىگەنلىكى تەكىتلەنگەن.

«شىنجاڭ ھۆججەتلىرى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنى قوللىغۇچىلار خىتاي جازا لاگېرلىرىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ ئەيىبلىدى» سەرلەۋھىلىك ماقالىدە «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، بۇ ھۆججەتنىڭ «خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېقىنقى نەچچە ئون يىللار مابەينىدە ئاشكارىلانغان ئەڭ مۇھىم ئىچكى ھۆججەتلىرىنىڭ بىرى» ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ «پارتىيە ئىچىدە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى باستۇرۇشقا قارىتا تالاش-تارتىش كۈچىيىۋاتقانلىقىنىڭ كۈچلۈك ئىپادىسى» ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.