ئىچكى موڭغۇلنىڭ باياننۇر شەھىرىدىكى موڭغۇللار تۇتقۇن قىلىنغان چارۋىچىلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016-05-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئىچكى موڭغۇلنىڭ غەربىي قىسمىدىكى باياننۇر شەھىرى ئوتتۇرا ئۇرات خوشۇنىدىكى موڭغۇللار، 9-ماي دۈشەنبە كۈنى نامايىش قىلىپ، 5-ماي كۈنى دائىرىلەر تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان 5 نەپەر موڭغۇل چارۋىچىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ بەش نەپەر چارۋىچى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ يايلاقنى ئىگىلىۋېلىشىغا نارازىلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى ئۈچۈن، ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان.

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، دۈشەنبە كۈنى يۈزدىن ئارتۇق موڭغۇل چارۋىچى، ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئالدىغا يىغىلىپ، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ يايلاقتىكى يەرلەرنى ئىگىلىۋېلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ۋە ئۆتكەن پەيشەنبە تۇتقۇن قىلىنغان 5 چارۋىچىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئىچكى موڭغۇلدا يايلاقلارنى ئىگىلىۋېلىپ قۇرغان زاۋۇت، كانلىرى يايلاق مۇھىتى ۋە سۇنى بۇلغاپ، ئادەملەرنىڭ، مال-چارۋىلارنىڭ زەھەرلىنىشى ھەتتا ئۆلۈش ھادىسىلىرىنى پەيدا قىلىشى موڭغۇللارنىڭ نارازىلىق نامايىشلىرىغا سەۋەب بولغان. ئۆتكەن ئايدا يەنى 8-ئاپرېل جۈمە كۈنى ئىچكى موڭغۇلنىڭ تۇڭلياۋ شەھىرىدە خىتاي كارخانىلىرىنىڭ مۇھىت بۇلغىشىغا قارشى نارازىلىق نامايىشى يۈز بەرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت