خىتاينىڭ سىنا تورىدا ئېلان قىلىنغان رەسىملىك خەۋەردە 17-ماي كۈنى ئىچكى موڭغۇلنىڭ باياننۇر شەھىرى ئوتتۇرا ئۇرات خوشۇتى (ناھىيىسى)دا ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىغا يىغىلىپ، ناھىيىدىكى ئاليۇمىن زاۋۇتىنى تاقاشنى تەلەپ قىلغان موڭغۇل چارۋىچىلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى مەلۇم بولدى.
مەزكۇر خەۋەر سىنا تورىدىكى مەلۇم بلوگ ساھىبى تەرىپىدىن خىتاي ۋاقتى سەيشەنبە كۈنى كەچتە يوللانغان. خەۋەردە باياننۇر شەھىرى ئوتتۇرا ئۇرات خوشۇت ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن بىر تۈركۈم ئالاھىدە ساقچىلارنى ئەۋەتىپ، ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىغا نارازىلىقىنى بىلدۈرۈشكە كەلگەن موڭغۇللارنى تۇتقۇن قىلىنغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ئەمما كونكرېت قانچىلىك ئادەمنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى تەپسىلات بېرىلمىگەن ھەم خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپتىنمۇ بۇ ھەقتە بىرەر رەسمىي ئۇچۇر ئېلان قىلىنمىغان.
ئىچكى موڭغۇلنىڭ باياننۇر شەھىرىگە قاراشلىق ئوتتۇرا ئۇرات خوشۇتىدا 5-ئاينىڭ 9-كۈنى ۋە 13-كۈنلىرى موڭغۇل چارۋىچىلارنىڭ نارازىلىق نامايىشى يۈز بەرگەن بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە، 17-ماي كۈنى تۇتقۇن قىلىنغان موڭغۇللار ئەينى چاغدىكى نارازىلىق ھەرىكىتىگە قاتناشقانلار ئىكەن.
10-ماي كۈنى رادىيومىزغا ئەھۋالنى بىلدۈرگەن موڭغۇل چارۋىچىلار خىتاينىڭ مەزكۇر ناھىيىدە قۇرغان ئاليۇمىن زاۋۇتىدىن چىققان كېرەكسىز ماددىلاردىن زەھەرلىنىپ ئۆلگەن چارۋىلىرى ئۈچۈن ھۆكۈمەتتىن تۆلەم بېرىش ۋە ناھىيىدىكى ئاليۇمىن زاۋۇتىنى تاقاش تەلىپىنى بىلدۈرگەن 300 دەك موڭغۇل چارۋىچىنىڭ خوشۇتلۇق ھۆكۈمەت ئالدىغا يىغىلىپ نارازىلىق نامايىشى قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.