ئۇيغۇر ئېلىدا ئاتالمىش «ئىككى يۈزلىمىچى» كادىرلارنى بايقاشقا ئالاقىدار چارە يولغا قويۇلدى

ئىگىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەرنىڭ ئاتالمىش «ئىككى يۈزلىمىچى» كادىرلارنى بىر تەرەپ قىلىشنى داۋاملىق كۈچەيتمەكچى بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

بۈگۈن «تەڭرىتاغ تورى» دا بېرىلگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېقىندا پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنىڭ سىياسىي مەيدانىنى كۆزىتىشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتىنى يولغا قويۇش چارىسى›› گە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ئۇنىڭغا تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى قوشقان:

«شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى، ئىنتىزامىغا خىلاپ قىلمىشلارنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، . . . مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق چوڭ ھەق-چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە مەيدانىدىن تەۋرىنىش، پوزىتسىيەدە سۇسلۇق قىلىش، ھەتتا دۈشمەن كۈچلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ‹ئىككى يۈزلىمىچىلىك› قىلىش، ‹ئىككى يۈزلىمىچى› بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى تىرىشىپ بايقاش.»

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى ئۆتكەن يىلدىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىدە بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلامدا ئاتالمىش «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرنى تازىلاش كۈرىشى ئېلىپ بېرىپ، نۇرغۇن ئۇيغۇر كادىرلارنى جازالىغان، بەزىلىرىنى ھەتتا ئەدلىيە ئورۇنلىرىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن. رادىيومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردا ھەرقايسى ۋىلايەت ۋە شەھەرلەردە شىددەت بىلەن كېڭەيتىلىۋاتقان «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە يىغىۋېلىنغان ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» قىلمىشىغا چېتىلىپ قالغانلىقتىن تەربىيىلىنىۋاتقانلار ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشقان ئىدى.

«ئىككى يۈزلىمىچىلىك» كە قارشى تۇرۇش دولقۇنى ئۇيغۇر كادىرلارنى قاتتىق ۋەھىمىگە سېلىۋاتقان بىر پەيتتە، دائىرىلەرنىڭ بۇ خىزمەتنى داۋاملىق بوشاشتۇرماي ئېلىپ بېرىشنى تەكىتلىشى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. ئۇلار، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان سىياسىي بېسىملارنىڭ مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە كۈچىيىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.