چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خەلقئارانى ئىلھام توختىنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014-08-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىنى ھەقسىزلىق، دەپ تەنقىدلەپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئىلھام توختىنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىشقا چاقىردى.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئىلھام توختىغا قارىتىلغان ئاساسسىز ئەيىبلەش دائىرىلەرنىڭ ئۇنى جىمىقتۇرماقچى بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى بېنجامىن ئىسمائىل مۇنداق دېدى: ئىلھام توختى شىنجاڭدا زوراۋانلىق ۋەقەلىرى يۈز بېرىۋاتقان بىر پەيتتە بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلەندى. گەرچە، ھۆكۈمەت ئۇنى بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلەۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ئۇ پۇقرالىق ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كەمسىتىشكە خاتىمە بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

خىتاي تەپتىش دائىرىلىرى يېقىندا ئىلھام توختىنى «دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلەپ، ئەيىبنامىنى رەسمىي مەھكىمىگە سۇنغان ئىدى.

بېنجامىن ئىسمائىل يەنە، بۇ ناھەق ئەيىبلەش شى جىنپىڭنىڭ ئىستراتېگىيەسى ۋە ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، ئۇچۇر ۋە ئىپادە ئەركىنلىكىنى مەنسىتمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ تەكىتلەپ، بىز پۈتۈن خەلقئارا جەمئىيەتنى ئامېرىكىغا ئەگىشىپ، ئىلھام توختىنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا چاقىرىمىز، دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت