خىتاي، ئىلھام توختىنى تەبرىكلىگەن ب د ت كومىسسارى ئۈستىدىن «بۆلگۈنچىلەرنىڭ خورىكىنى ئۆستۈردى» دەپ قاقشىدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016-10-12
Share

خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ تۈنۈگۈنكى مارتىن ئېننالس مۇكاپات مۇراسىمىغا قاتناشقان ۋە تەبرىك سۆزى قىلغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ باشلىقى زەيىد رائاد ھۈسەيىن ئۈستىدىن «بۆلگۈنچىلەرنىڭ خورىكىنى ئۆستۈردى» دەپ قاقشىدى.

خىتاي باياناتچى سۆزىدە زەيىد ھۈسەيىننىڭ مۇراسىمغا قاتنىشىشى ۋە تەبرىك سۆزىنى «خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ۋە ب د ت نىزاملىرىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇش» دەپ ئەيىبلىدى. سۆزىدە يەنە «خەلقئارادىكى بەزى كۈچلەر داۋاملىق ھالدا بىر قىسىم تېررورچىلار تەرىپىدىن جۇڭگو خەلقىگە قارشى ئىشلەنگەن جىنايەتلەرگە كۆز يۇمۇۋالىدۇ» دېگەن خىتاي باياناتچى ئىلھام توختىنىڭ «جىنايەتلىرىنىڭ ئېنىق ئىكەنلىكى»نى ئىلگىرى سۈردى.

ب د ت تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، كومىسسار زەيىد ھۈسەيىن تۈنۈگۈنكى مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە، ئىلھام توختىغا ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئۆز پىداكارلىقى، جاسارىتى ۋە دۇرۇست ئەخلاقى بىلەن دۇنيا جامائىتىگە ئۈمىد بېغىشلاۋاتقانلىقىغا مەدھىيە ئوقۇغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت