ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى چىقىش قىلغان ھالدا ئىنتېل (Intel) شىركىتى 2021-يىلى دېكابىردا ئۆزىنىڭ مال تەمىنلەش زەنجىرىدىكى شىركەتلەرنىڭ بۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىغا چېتىلىپ قالماسلىق ھەققىدە ئوچۇق ئۇقتۇرۇش يوللىغانىدى. مەزكۇر ئوچۇق ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي خىتايدىكى تور دۇنياسىنىڭ كەلكۈندەك ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقتىن شىركەت رەھبەرلىكى مەزكۇر ئۇقتۇرۇشنى بىكار قىلىۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئىنتىل شىركىتىنىڭ بۇ خىل «يۇمشاقباش» لىق قىلمىشى خەلقئارانىڭ كەسكىن تەنقىدىگە ئۇچرىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئىنتىل شىركىتى خىتاي تور ساھەسىنىڭ ھۇجۇم تېكىستلىرى يېغىپ كەتكەنلىكتىن دەرھال ئۇقتۇرۇشنى ئېلىۋەتكەن ھەمدە «ئەپۇ سورايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ ھەرىكىتى خەلقئارادا ئەيىبلەندى. ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ ھەقتىكى ئوبزور ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىپ ئۇلارنىڭ بۇنداق تېز ئۆز مەۋقەسىنى ئۆزگەرتىشىنى تەنقىدلىدى.
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى» نى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە تونۇشتۇرغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان ماركو رۇبيو ئۆزىنىڭ تور بېتىدە بۇنى ئەيىبلەپ ئوچۇق بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ باياناتتا ئېنىق قىلىپ: «ئىنتىل شىركىتىنىڭ توخۇ يۈرەكلىكى ئىقتىسادىي جەھەتتە خىتايغا تايىنىپ قېلىشنىڭ ئاقىۋىتىنى روشەن نامايان قىلىپ بەردى. ئۆزىنى خار قىلىپ ئەپۇ سوراپ يۈرگىچە ئۇلار شىركەتنى قۇللار ئەمگىكى ياكى قىرغىنچىلىق بولمىغان بىر مەملىكەتكە يۆتكەپ كەتسىلا بولاتتى» دېدى. شۇنداقلا ئۇ خىتاي كومپارتىيەسىنى خوش قىلىش ئۈچۈن تېپىرلاپ يۈرگەن بۇنداق شىركەتلەرگە قەرز مەبلىغى بەرمەسلىكنى تەكلىپ قىلدى.