خىتاينىڭ ئىنتېرنېت توسۇقلىرىدىن ئۈنۈملۈك ئۆتۈپ كېتەلەيدىغان بىر قىسىم قاناللارنى زەربە نىشانى قىلغانلىقى مەلۇم

مۇخبىرىمىز جۈمە
2015.01.24
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp


خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خىتايدىكى ئىنتېرنېت توسۇقلىرىدىن ئۈنۈملۈك ئۆتۈپ كېتەلەيدىغان بىر قىسىم قاناللارنى زەربە نىشانى قىلغانلىقى مەلۇم.

خىتايدىن چىقىدىغان «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ 24 - يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، دائىرىلەر نۆۋەتتە ئۆزىنىڭ ئىنتېرنېت سۈزگۈچ يۇمتالىنى ئىلغارلاشتۇرۇپ، VPN يەنى «مەۋھۇم خۇسۇسىي تور» قاناللىرىنى توسۇشقا تۇتۇنغان.

VPN خىتاينىڭ تور توسۇقلىرىدىن ئۆتۈپ كېتەلەيدىغان مەخپىي ئۇلىنىش بىلەن تەمىنلەيدىغان ئىنتېرنېت مۇلازىمىتى بولۇپ، بۇ مۇلازىمەت قوللىنىلسا ئىنتېرنېت خىتاي مۇلازىمېتىرلىرىدىن خۇپىيانە ھالقىپ ئۆتۈپ خىتايدا چەكلىگەن بارلىق تور بەتلىرىنى ئۇلىنىش بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

بۇنداق بولغاندا، مەزكۇر مۇلازىمەت تەمىنلىگەن مەخپىي تور ئالاقىسى خىتاينىڭ بايقاش يۇمتاللىرىغا چۈشمەيدىكەن.

نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرى خىتاي ئىنتېرنېت سۈزگۈچلىرىنىڭ توسۇش فۇنكسىيەلىرىنى ئاشۇرۇپ VPN ئالاقىسىگە زەربە بېرىشكە ئۆتكەن.

خىتايدىكى كۆپىنچە تور قوللانغۇچىلىرىنى VPN مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئاسترىلل شىركىتى ئۆز شىركىتىنىڭ نۆۋەتتە زور رىقابەتكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى، ئەمما خىتايدىكى تور چەكلىمىسىگە قارىشى كۈرىشىنىڭ تېخى تۈگىمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئاسترىلل شىركىتى ھىندى ئوكياندىكى ئارال دۆلىتى سېيشېل جۇمھۇرىيىتىدە قۇرۇلغان بولۇپ، مۇلازىمىتىدىكى يۇقىرى دەرىجىدىكى مەخپىيلىكى بىلەن خىتاي تورداشلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن شىركەت ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.