قىزىل بۇيرۇق قانۇن ژورنىلى: «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا ئېنتېرپولنى سۈيىئىستىمل قىلىۋاتىدۇ»
2021.09.09
ئامېرىكادىكى «قىزىل بۇيرۇق قانۇن ژورنىلى» دا 7-سېنتەبىر ماقالە ئېلان قىلىنىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا ئېنتېرپول، يەنى خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنى سۈيىئىستىمال قىلىۋاتقانلىقى تەنقىد قىلىنغان. ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئەگەر ئىنتېرپول كونكېرت تەدبىر قوللىنىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا «قىزىل تاشلىق بۇيرۇق» ئېلان قىلىش تەلەپلىرىگە قارىتا ھۇشيار بولمىسا، خىتاي ئىنتېرپولنىڭ «قىزىل تاشلىق بۇيرۇق» سېستىمىسىنى سۈيىئىستىمال قىلىشنى توختاتمايدىكەن.
«خىتاينىڭ ئىنتېرپولنىڭ ‹قىزىل تاشلىق بۇيرۇقى› ئارقىلىق شىنجاڭ رايونى ۋە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى» ماۋزۇلىق بۇ ماقالىنى ئىنتېرپولنىڭ قىزىل تاشلىق بۇيرۇقى مەسىلىلىرى بويىچە مۇتەخەسىسسلەشكەن ئامېرىكالىق ئادۋوكات مىشېل ئېستلۇند خانىم قەلەمگە ئالغان ئىكەن.
ئۇ خىتاينىڭ بۇ يىل 7-ئايدا ماراكەشنىڭ كاسابلانكا ئايرودرومىدا تۇتۇپ قېلىنغان ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئىدرىس ھەسەنگە «قىزىل تاشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى» چىقارغۇزغانلىقىنى مىسال كەلتۈرگەن. ئۇ ئىنتېرپول ئىدرېس ھەسەننىڭ «قىزىل تاشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى» نى بىكار قىلغان بولسىمۇ، بىراق بۇ ۋەقە بىلەن خىتاينىڭ خاراكتېرى ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئىدرىس ھەسەننىڭ دېلوسى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ۋە تەنقىدىگە ئۈچرىغان بولسىمۇ، بىراق بۇ خىتاينىڭ كەلگۈسىدە ئۇيغۇرلارغا قارىتا يەنە «قىزىل تاشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى» چىقىرىشنى تەلەپ قىلمايدىغانلىقىنى كۆرسەتمەيدىكەن.
مىشېل ئېستلۇند ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دەپ يازغان: «ئەگەر ئىنتېرپول ئۆزى تەشەببۇسكارلىق بىلەن خىتاينىڭ ‹قىزىل تاشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى› ئېلان قىلىش تەلىپىنى تېخىمۇ ئىنچىكە تەكشۈرمىسە، بىز ئۇنىڭ ئىنتېرپولنىڭ قوراللىرىنى داۋاملىق قالايمىقان ئىشلىتىپ، ئۆكتىچىلەر ۋە سىياسىي رەقىپلىرىنى باستۇرۇشتا قوللىنىدىغانلىقىنى پەرەز قىلساق بولىدۇ.»