«ئىنتېرپول» )خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى( نىڭ باشلىقى مېڭ خوڭۋېي خىتايغا قايتىپ يوقاپ كەتكەن
2018.10.05
خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مىنىستىرى، «ئىنتېرپول»، يەنى خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى مېڭ خوڭۋېي 29-سېنتەبىر كۈنى فىرانسىيەدىن خىتايغا قايتقاندىن كېيىن، ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان.
مېڭ خوڭۋېينىڭ فىرانسىيەدە قەپ قالغان ئائىلە تاۋابىئاتلىرى فىرانسىيە ساقچى دائىرىلىرىگە مېڭ خونۋېينىڭ خىتايغا قايتقاندىن كېيىن ئىز-دېرىكىنىڭ بولمىغانلىقىنى، ئائىلىسىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەنلىكىنى، ئۇنىڭ ھازىر نەدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ھەققىدىمۇ ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
64 ياشلىق مېڭ خوڭۋېي ئايالى ۋە بالىلىرى بىلەن فىرانسىيەنىڭ لېئون شەھىرىدە ياشايدىكەن. ئۇ 2016-يىلى نويابىردا «ئىنتېرپول» نىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلىنىپ، ئائىلىسى بىلەن فىرانسىيەگە كېلىپ ۋاقىتلىق ئولتۇراقلاشقان. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇ خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، خىتاي دۆلەتلىك دېڭىز قىرغىقىنى قوغداش قىسمىنىڭ باشلىقى ۋە خىتاي دۆلەتلىك دېڭىز-ئوكيان باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.
بۇ يىل 23-فېۋرالدا «ئىنتېرپول» دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ ئىنتېرپولنىڭ «قىزىل رەڭلىك تىزىملىكى» دىن چىقىرىپ تاشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە بۇ مەسىلىدە خىتاينىڭ قانۇن بويىچە ئىش قىلمىغانلىقىنى ئەيىبلىگەن ئىدى. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىدە قاتتىق ئېتىراز بىلدۈرگەن ئىدى.
كۆزەتكۈچىلەر «ئىنتېرپول» نىڭ خىتاي باشلىقىنىڭ خىتايغا قايتىشى بىلەن يوقاپ كېتىشى ئۇنىڭ بۇ ۋەزىپىدە تۇرغان مەزگىلىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئويلىغاندەك خىتاينىڭ پايدىسىغا ئىش تەۋرىتەلمىگەنلىكى، ھەتتا خىتاي «تېررورچى» تىزىمىغا كىرگۈزگەن دولقۇن ئەيسانىڭ ئىسمىنىڭ «ئىنتېرپول» نىڭ «قىزىل رەڭلىك تىزىملىكى» دىن چىقىرىۋېتىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى ئېھتېماللىقىنى تەخمىن قىلماقتا.