ئىنتېرپولغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۇنى سۇيىئىستېمال قىلىۋاتقانلىقى تەنقىدلەندى
2013.11.28
خەلقئارا ئادىل سوتلىنىش تەشكىلاتى دوكلات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى-ئىنتېرپولغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەزكۇر ئورگاننى مۇساپىرلار، ژۇرنالىستلار، تىنچ سىياسىي پائالىيەتچىلەرنى جازالاش ئۈچۈن سۇيىئىستېمال قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى.
دوكلاتتا، خىتاينىڭ ئۆز ۋاقتىدا ئىنتېرپول ئارقىلىق ھازىرقى د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئۈستىدىن قىزىل تاشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغانلىقىنى مىسال قىلىپ، بۇ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەزكۇر ئورگان ئارقىلىق قىزىل تاشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان نۇرغۇن دېلولارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.
دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، گېرمانىيە ساقچى دائىرىلىرى 1999-يىلى ئۇنىڭغا ئىنتېرپولنىڭ قىزىل تاشلىق تۇتۇش بۇيرۇقىنى كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىگە بارماسلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.
خەلقئارا ئادىل سوتلىنىش تەشكىلاتى، 2010-يىلى دولقۇن ئەيسانىڭ ئارخىپىنى كۆرۈشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئىنتېرپول ئارخىپ كونترول كومىتېتى 2012-يىلى 1-ئايدا جاۋاب قايتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئارخىپى بار-يوقلۇقى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلغان.
ئىنتېرپول نىزامنامىسىنىڭ 2-ماددىسىدا، بۇ ئورگان ھەر قايسى ئەل ساقچىلىرىنىڭ ئادەتتىكى ئىجتىمائىي جىنايەتلەرنى پاش قىلىش، قولغا ئېلىش ئىشلىرىدا ھەمكارلىق ئېلىپ بارىدىغان ئورگان ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان. ئۇنىڭ 3-ماددىسىدا مەزكۇر ئورگاننىڭ سىياسىي، دىنىي، ئىرقىي ۋە ھەربىي خاراكتېرلىك ھەرقانداق ھەرىكەتكە ئارىلىشىشى قەتئىي مەنئى قىلىنغان ئىدى.
دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، بەزى ئەزا دۆلەتلەر ئىنتېرپولنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، قىزىل تاشلىق تۇتۇش بۇيرۇقىنى سىياسىي قورال ئورنىدا قوللىنىپ كەلگەن. ئىنتېرپولنىڭ قائىدە-تۈزۈمى بۇنى توسۇشقا ئامالسىز ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، مەزكۇر ئورگاننى دەرھال ئىسلاھ قىلىشنى تەلەپ قىلغان.