خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى: خىتاي دولقۇن ئەيساغا قىزىل ئۇقتۇرۇش چىقىرىشتا قانۇنلۇق ئىش قىلمىغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-02-23
Share

خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى «ئىنتېرپول» دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ ئىسمىنى ئىنتېرپولنىڭ قىزىل ئۇقتۇرۇش تىزىملىكىدىن چىقىرىپ تاشلىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ مەسىلىدە خىتاينىڭ قانۇنلۇق ئىش قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەنگلىيەدىكى «ئادىل سوتلىنىش» ناملىق خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى جاگو رۇسسېل دولقۇن ئەيسانىڭ ئىسمىنىڭ تىزىملىكتىن چىقىرىپ تاشلانغانلىقىنى دەلىللەپ: «ئىنتېرپولنى قىيناپ كېلىۋاتقان سىياسىي خاراكتېرلىك قىزىل ئۇقتۇرۇش ھەرگىز مېنىڭ نامىمدا ئېلان قىلماسلىقى كېرەك ئىدى. بۇنداق ئېغىر ئەيىپلەشتە بولغان بىر دۆلەت ئۇنىڭ قانۇنلۇق ياكى قانۇنلۇق ئەمەسلىكىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزدىن كەچۈرۈشى شەرت. ئەپسۇسكى بۇ مەسىلىدە ئۇنداق قىلىنمىدى» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 1999‏-يىلى خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىغا دېلو مەلۇم قىلىپ، دولقۇن ئەيسانىڭ 1996 ياكى 1997‏-يىللىرىدا «قاتىللىق جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى» نى ئېيتىپ، ئۇنىڭغا قىزىل ئۇقتۇرۇش چىقىرىشنى تەلەپ قىلغان. لېكىن ئۇ دولقۇن ئەيسانىڭ ئاتالمىش «قاتىللىق ۋەقەسى» يۈز بەرگەندە خىتايدا ئەمەسلىكى، ئۇنىڭ چەتئەلدە ئىكەنلىكىنى ھېسابقا قاتمىغان. لېكىن، شۇنداق بولسىمۇ خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى ئۇنىڭغا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىپ، ئۇنىڭ باشقا دۆلەتلەردىكى پائالىيىتىگە بەزى ئاۋارىچىلىكلەرنى تۇغدۇرۇپ بەرگەن. خۇسۇسەن ئۇنىڭ 2017‏-يىلى ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك، ئىتالىيەنىڭ رىم شەھەرلىرىدە ساقچىلار تەرىپىدىن توسۇۋېلىنىپ، ب د ت ۋە ئىتالىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزگەن يىغىنلارغا قاتنىشىشىغا كاشىلا پەيدا قىلىشى خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە غۇلغۇلا قوزغىغان.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى «ئىنتېرپول» ۋە ئۇنىڭ قىزىل ئۇقتۇرۇش تىزىملىكىنى تەنقىدلەپ، خىتاينىڭ ئىنتېرپولنى سۇيىئىستېمال قىلىشىغا يول قويماسلىقنى تەلەپ قىلغان ئىدى. «ئادىل سوتلىنىش» ناملىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى 23‏-فېۋرال ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ئىنتېرپولنىڭ قارارى خىتاينىڭ ئەيىبلەشلىرىنىڭ قانچىلىك ساختىلىقى ۋە سىياسىي ماھىيىتىنى ئىسپاتلاپ بەردى» دېگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت