جۈمە كۈنى، خىتايدىكى 250 دىن ئارتۇق ئادۋوكات ئىمزالىق ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، فالۇنگوڭ مۇرىتىنى ئاقلىغان ئادۋوكات جاڭ كېكېنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى. ۋەقە پەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ جىلىن ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن.
ئادۋوكات جاڭ كېكې بىر فالۇنگوڭ مۇرىتىنىڭ ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتلىقىنى قىلغان. ئۇ، سوتتىكى باياناتىدا فالۇنگوڭ مۇرىتىنى ئاقلاپ، سوتچىغا خىتاي ئاساسى قانۇنىدىكى سۆز ۋە دىنىي ئەركىنلىكنى سوتچىلارنىڭ سەمىگە سالغان. بىراق سوتچى ۋە ساقچىلار ئۇنى سوت مەيدانىدا تۇتقۇن قىلىپ، 6 سائەت قاماپ قويغان.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئىمزالىق ئوچۇق خەتكە قول قويغان ئادۋوكاتلاردىن جاڭ لېي، ساقچىلارنىڭ ھەرىكىتىنى «ئەقىلسىزلىق» دەپ تەنقىدلەپ، «سوتتا ئادۋوكات قانۇننى سۆزلىمەي قانداق ئادۋوكاتلىق قىلىدۇ» دېگەن.
ئوچۇق خەتتە يەنە، خىتاي دائىرىلىرىدىن ئادۋوكاتلارنىڭ جاۋابكارنى ئاقلاش ھوقۇقىنى قوغداشنى تەلەپ قىلغان. جاڭ لېينىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ خىل رادىكال قىلمىشلار فالۇنگوڭچى قاتارلىقلارغا چېتىشلىق نازۇك دېلولاردا يۈز بېرىدىكەن.