ئىران پرېزىدېنتى ھاسان روھانىي يادرو كېلىشىمىگە ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015.04.03


ئىران پرېزودېنتى ھاسان روھانى جۈمە كۈنى تېلېۋىزىيە نۇتۇقى سۆزلەپ، ئىراننىڭ ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، خىتاي ۋە رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان يادرو كېلىشىمىگە ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر كېلىشىم ئىراننىڭ دۇنيا بىلەن يېڭى مۇناسىۋەت قۇرۇشىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ئىكەن.

ئۇ، پەقەت 6 دۆلەت كېلىشىمگە ئەمەل قىلسىلا، ئىران ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ......... دۇنيا ئىراننىڭ ئالدامچىلىق قىلمايدىغانلىقىنى بىلسۇن، دېگەن. تۈنۈگۈن، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما ئاقسارايدا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا شۋېتسارىيەنىڭ لوزان شەھىرىدە ئىمزالانغان مەزكۇر كېلىشىمگە ئىجابىي باھا بېرىپ، كېلىشىم «تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە» دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

ئىران بىلەن بولغان كېلىشىم ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەڭ يېقىن ئىتتىپاقدېشى ئىسرائىلىيەنى بىئارئام قىلغان. ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانىياخۇ، بۇ كېلىشىم يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىشىگە يول ئېچىپ بېرىدىغانلىقىنى، ئىسرائىلىيەنىڭ مەۋجۈتلۇقىغا زور تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.

بىراق، ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار كومىسارى فېدىرىكا مۇغەرىننىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ كېلىشىم ئارقىلىق ئىراننىڭ قويۇق ئۇران پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ۋە ساقلىشىغا چەكلىمە قويۇلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.