ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى كەررى ئالتە دۆلەتنىڭ ئىران بىلەن ئۆتكۈزىدىغان سۆھبىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ئاۋسترىيەنىڭ ۋىيېننا شەھىرىگە يېتىپ كەلدى.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون كەررى يەكشەنبە كۈنى ۋىېننادا پىكىر بايان قىلىپ، ئىراننىڭ يادرو قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرماسلىقى ھەققىدە چوقۇم ۋەدە بېرىشى كېرەكلىكى، بۇنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ يېزىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنسىتىر كەررىنىڭ سۆزى بويىچە ئالغاندا ئىراننىڭ يادرو پروگراممىسىغا ئائىت كۆپلىگەن مەسىلىلەر يەنىلا ھەل قىلىنمىغان ھالدا قېلىشى مۇمكىن.
ئىران بىلەن يادرو مەسىلىسىگە ئائىت سۆھبەتكە قاتناشقان بىر نەپەر ئامېرىكا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە شەنبە كۈنىدىكى سۆھبەتتە بەزى ئىلگىرىلەشلەر بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەردە يەنىلا ئىختىلاپلار مەۋجۇت.
ئەگەر بەزى مۇھىم ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەردە ئىلگىرىلەش بولمىسا، ئەڭ ئاخىرقى مۆھلەت، يەنى 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن كېيىن سۆھبەت ۋاقتىنى ئۇزارتىش قىيىن ئىكەن.
ۋىيېننادا ئالتە دۆلەتنىڭ ئىران بىلەن يادرو مەسىلىسى بويىچە ئۆتكۈزىدىغان سۆھبىتىگە ئامېرىكا، فىرانسىيە، ئەنگلىيە ۋە گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى قاتناشقان، ئەمما خىتاي بىلەن رۇسىيە پەقەت مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىلا قاتناشتۇرغان.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، كەررى يەنە گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فرانك ۋالتېر ستېينمېئىر بىلەن ئايرىم سۆھبەتلىشىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە ئىران بىلەن بولىدىغان سۆھبەت بىر ھەپتە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، سۆھبەت نەتىجىسىدە نۆۋەتتە ئىران مەۋجۇت ۋاقىتلىق كېلىشىمنىڭ ئورنىغا ئىراننىڭ يادرو پروگراممىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى كونترول قىلىدىغان ئۇزۇن مۇددەتلىك كېلىشىم ھاسىل قىلىنىشى كېرەك ئىكەن.
ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى ئىراننىڭ يادرو قورالى ياساشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلىۋاتقان بولۇپ، ئەمما ئىران تەرەپ ئۆزىنىڭ يادرو پروگراممىسىنىڭ پەقەت تىنچلىق ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۆز مەۋقەسىدە تۇرماقتا ئىدى.