خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تىلغا ئالغان رىزاۋانگۇلگە نارازىلىق بىلدۈرگەن
«ئاكسىيۇس» (Axios) تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكانىڭ كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان خىتاي ئوقۇغۇچىلار يېقىندا بۇ مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلگەن بىر سۆھبەت يىغىنىدا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى تىلغا ئالغان رىزۋانگۇل نۇرمۇھەممەدكە نارازىلىق بىلدۈرگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتا ئەزاسى ئېلىسسا سلوتكىن (Elissa Slotkin) كورنېل ئۇنىۋېرسىستېتى ئاممىۋى ئىدارە قىلىش كەسپىنىڭ ماگېستىرلىقىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشتۇرغان سۆھبەت يىغىنىدا لېكسىيە سۆزلىگەن. بۇ جەرياندا مەزكۇر مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى رىزۋانگۇل نۇرمۇھەممەد، ئېلىسسا سلوتكىنغا سوئال قويۇپ، ئامېرىكا ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇمىغا تېزدىن ئىنكاس قايتۇرغانلىقى ۋە ياردەم قىلغانلىقىنى، ئەمما خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە تېخىچە بىرەر قاتتىق جازا يۈرگۈزمىگەنلىكىنى ئېيتقىنىدا، نەق مەيداندىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئۇنى مەسخىرە قىلغان، غەلۋە-غوغا چىقارغان، 40 خىتاي ئوقۇغۇچى زالدىن چىقىپ كەتكەن.
رىزۋانگۇل نۇرمۇھەممەدنىڭ ئىنىسى مەۋلان 2017-يىل خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، رىزۋانگۇل تا ھازىرغىچە ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە قىلالمىغان. رىزۋانگۇل ھەر پۇرسەتتە خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى ئەتراپىدىكىلەرگە بىلدۈرۈپ كەلگەن. ئۇ بۇ قېتىم خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بۇ قىلمىشىنى كۆرۈپ ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرىگەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ رۇقىيە تۇردۇش، رەيھان ئەسەت قاتارلىق پائالىيەتچىلەر خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەر خىل تەھدىتلىرىگە دۇچ كەلگەنىدى.
بۇ مەكتەپتىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلار بىرلىشىپ مەكتەپ مەمۇرىيىتىگە خەت يازغان بولۇپ، 80 ئوقۇغۇچى ئىمزا قويغان بۇ خەتتە «بىز بۈگۈنكى سۆھبەت يىغىنىدىن چىقىپ كەتتۇق، چۈنكى بىز ئۇ يەردە قويۇق دۈشمەنلىك كەيپىياتى ھېس قىلدۇق. ئۇنداق ئەھۋالدا بىز سۆھبەت زالىدا ئەمەس، يوق جىنايەت ئۈچۈن سوراققا تارتىلىۋاتقان سوت زالىدا كىرستقا مىقلانغاندەك ئولتۇرۇشنى خالىمىدۇق،» دېيىلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ سۆھبەت يىغىنى ئاياغلاشقاندا، مەكتەپنىڭ باشقۇرغۇچى خادىملىرىدىن بىرى ئوقۇغۇچىلارغا سۆز قىلىپ، خىتاي ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئەپلىشىپ قېلىشقا چاقىرىق قىلغان؛ ئەمما بۇ مەكتەپنىڭ باشقۇرۇش تارماقلىرى رىزۋانگۇل بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ كۆز قاراشلىرى ياكى تەلىپىنى ئاڭلىمىغان. مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ بۇ ئىنكاسى رىزۋانگۇلنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن؛ شۇنداقتىمۇ ئۇ، بۇ مەكتەپنىڭ ئامانلىق ساقچىلىرى، ئوقۇغۇچىلار ساغلاملىق مەركىزى ۋە تېز قۇتقۇزۇش مەركىزىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
16-مارت كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتا ئەزاسى ئېلىسسا سلوتكىن «axios» تورىغا چىققان خەۋەرگە تىۋېتتېردىن ئىنكاس قايتۇرۇپ: «ئالدىنقى ھەپتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى مەن كورنىل ئۇنىۋېرسىتېتى ماگېستىر ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن تور سۆھبىتى ئۆتكۈزگەنىدىم. يىغىننىڭ سوئال-جاۋاب قىسمىغا كەلگەندە، بىر باتۇر قىز ئورنىدىن تۇرۇپ مەندىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان مۇئامىلىسى ھەققىدە سوئال سورىدى،» دەپ يازغان.