«مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ 8-ئىيۇن خەۋەر قىلىشىچە، بوسىنىيەلىك ھەربىي قوماندان راتكو مىلادىكنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئاغدۇرۇش ئۈچۈن سۇنغان نارازىلىق ئەرزى رەت قىلىنغان. نەجىدە، «جاللات» دەپ ئاتالغان 78 ياشلىق مىلادىكنىڭ ئاخىرقى ئۆمرى ئەمدى تۈرمىدە ئۆتىدىكەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەلقئارا سوتى ئۇنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكىگە قايتا ھۆكۈم قىلغان.
بۇ ھۆكۈم ئېلان قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بۇنىڭدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «تارىخىي خاراكتېرلىك بۇ ھۆكۈم شۇنى بىلدۈرىدۇكى، قورقۇنچلۇق جىنايەت ئۆتكۈزگەن ئادەمنىڭ جاۋابكارلىقى چوقۇم سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. بۇ ھۆكۈم يەنە بىزنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدە بۇنداق قەبىھ زوراۋانلىقنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتىكى ئورتاق ئىرادىمىزنى كۈچەيتىدۇ» دېگەن.
ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دومىنىك رابمۇ ئىپادە بىلدۈرۈپ: «بۇ ھۆكۈم قورقۇنچلۇق خەلقئارا جىنايەتلەر جازاغا تارتىلماسلىقتەك ئەھۋالغا خاتىمە بېرىشكە پايدىلىق» دېگەن.
راتكو مىلادىك ۋە ئۇنىڭ سابىق رەھبىرى، بوسىنىيەلىك سېربلاردىن بولغان پرېزىدېنت رادوۋان كارادزىكنىڭ ھەر ئىككىسى ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار 90-يىللاردا سابىق يۈگۈسلاۋىيە پارچىلانغاندىن كېيىن ئىچكى ئۇرۇش قوزغاپ، بوسىنىيەلىك مۇسۇلمانلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشنى پىلانلىغانىكەن.