نىكولاس كرىستوف: «ئىرقىي قىرغىنچىلىق، دەپ قويۇپ ھېچنېمە قىلمىساق بولمايدۇ»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-06-14
Share

«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ ئاتاقلىق ئوبزورچىسى نىكولاس كرىستوف 12-ئىيۇن مەزكۇر گېزىتتە ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلىپ قويۇپ، ھېچنېمە قىلماسلىققا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، كېلەر يىلقى بېيجىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئولىمپىكى» نى قىسمەن بايقۇت قىلىش شۇنداقلا شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى چەكلەش يېتەرلىك ۋە رازى قىلارلىق بولمىسىمۇ، بىراق ھېچنېمە قىلماسلىقتىن ياخشىراق ئىكەن.

نىكولاس كرىستوف «بىر ئايالنىڭ خىتاينىڭ ۋەھشىيلىكىدە ئ‍ۆتكەن كەچمىشلىرى» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە، ئۆزىنىڭ ئىسمىنى نەنسى، دەپ ئ‍اتىغان بىر ئۇيغۇر ئايال ۋە ئۇنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، بەزى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ھازىرغىچە ئىز دېرىكىنىڭ بولماسلىقىدەك تراگېدىيەلىك كەچمىشى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى يورۇتۇپ بەرگەن.

ئۇ خىتاينىڭ بىر مىليون ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قامىشى دىققەت قوزغاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇلۇشى سىستېمىلىق ئازايتىشقا ئۇچرىشى ھازىرغىچە بەك دىققەت قوزغىماي كەلگەنلىكى، ھالبۇكى ئۇيغۇر نوپۇسى خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ نىشانىغا ئايلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نىكولاس كرىستوفنىڭ تەكىتلىشىچە، بېيجىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئولىمپىكى» نى قىسمەن بايقۇت قىلىش شۇنداقلا شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى چەكلەش يېتەرلىك ۋە رازى قىلارلىق بولمىسىمۇ شۇنداقلا بۇ شى جىنپىڭنى يۆتكىيەلمىسىمۇ، بىراق خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلىپ قويۇپ، مۈرىنى چىرىپ تۇرۇشقا ۋە ھېچنېمە قىلماسلىققا بولمايدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت