جەنۇبىي ئامېرىكا باپتىستلار جەمئىيىتى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئەيبلىگەن

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021-06-29
Share

«بۈگۈنكى خىرىستىيانلار» تورىنىڭ 28-ئىيۇن خەۋەر قىلىشىچە، جەنۇبىي ئامېرىكا باپتىستلار جەمئىيىتى (SBC) رىم پاپاسى فرانسىس بىلەن بىرلىكتە بىر قارار ماقۇللاپ، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زىيانكەشلىكىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتكەن.

مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ 15 مىڭ ۋەكىلى ۋە ئەلچىلىرى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ھەققىدە سۇنۇلغان 8-نومۇرلۇق قاراردا ئورۇن ئالغان كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتلىرى ۋە ئىسپاتلارنى ئەتراپلىق مۇزاكىرە قىلىپ، خىتاينىڭ جىنايىتىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىدە بىرلىككە كەلگەن.

جەنۇبىي ئامېرىكا باپتىستلار جەمئىيىتى ئىلاھىيەت ئىنستىتۇتىنىڭ دوكتورى گرىفىن گالىج بۇ قارار لايىھەسىنى تەييارلىغۇچى بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدا مۇنداق دەپ يازغان: «خىتاي ھازىرقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى جىنايىتىنى سادىر قىلدى. دۇنيادىكى نۇرغۇن ئىنسانلار خىتايدىن ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئالغاچقا ئۇنىڭغا ھېچنېمە دېيەلمەيۋاتىدۇ».

جەنۇبىي ئامېرىكا باپتىستلار جەمئىيىتى بۇ قارارنامىدە خىتاينى بىۋاسىتە تىلغا ئېلىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى دەرھال توختىتىپ، ئۇلارنىڭ تەڭرى بەرگەن ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى، ئۇلارنى كەڭ كۆلەملىك قاماش، قىيناش قىلمىشلىرىنى ئاياغلاشتۇرۇشى كېرەك،» دەپ چاقىرىق قىلغان.

جەنۇبىي ئامېرىكا باپتىستلار جەمئىيىتى 1845-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئامېرىكادىكى ئەڭ چوڭ پروتېستانت دىنى، شۇنداقلا ئىككىنچى چوڭ خىرىستىيان دىنى مەزھىپى ھېسابلىنىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت