-ئىيۇل «ئىسرائىل ۋاقتى» تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە سرېبرېنىكا ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش كۈنىدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى تۇرۇش چاقىرىق قىلىنغان.
بۇ ھەپتە سرېبرېنكا ئىرقىي قىرغىنچىلىقى يۈز بەرگەنلىكىنىڭ 26 يىللىقى خاتىرىلىنىدىكەن. 26 يىل بۇرۇن سېربىيە ئارمىيەسى سرېبرېنكادا 8000 مۇسۇلماننى ئۆلتۈرگەن بولۇپ، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ياۋروپا تۇپرىقىدا يۈز بەرگەن ئەڭ ئېغىر قىرغىنچىلىق دەپ قارالغان.
ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۈگۈنكى كۈندە بىرمىدا روھىنگا مۇسۇلمانلىرى، خىتايدا بولسا ئۇيغۇرلار ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ قۇربانى بولماقتا. مەلۇم دىنغا مەنسۇپ كىشىلەر زوراۋان كۈچلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان مىساللار تارىختا كۆپ كۆرۈلگەن، يەھۇدىيلار بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى ئىكەن. يەھۇدىيلار 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئالدىدا ئەڭ ئېغىر ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئومۇميۈزلۈك بىرلىشىپ ئىسرائىلىيە دۆلىتىنى قۇرۇپ چىققان ھەمدە «بۇنداق ئىرقىي قىرغىنچىلىق قايتا يۈز بەرمىسۇن» دېگەن چاقىرىقنى پۈتۈن دۇنيانىڭ شوئارىغا ئايلاندۇرغان. ئەمما كېيىن، بۇنداق ئىرقىي قىرغىنچىقلار يەنە يۈز بەرگەن، خەلقئارا تەشكىلاتلار بۇنىڭغا ئارىلاشقان. ئەمما بۈگۈن خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا خەلقئارا جەمئىيەت ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاساسەن سۈكۈت قىلماقتا.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، سرېبرېنكا ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەشنىڭ 2021-يىللىق باش تېمىسى «تۇرمۇشنى يېڭىدىن بەرپا قىلىش» بولۇپ، بۇنىڭ مەنىسى «بۈگۈنكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقلارنى توختىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ھەرىكەت قىلىش» دېگەنلىك ئىكەن. ئادالەتسىزلىك ۋە زىيانكەشلىكنى توسۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماسلىق ئەمەلىيەتتە ئۇ جىنايەتلەرنى سۈكۈت ئىچىدە قوللىغانلىق بولىدىكەن. ئىرقچىلىق ۋە ئۆچمەنلىكنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئاۋاز چىقارمىغاندا، ئۇنى قوللايدىغان رەزىل كۈچلەر تېخىمۇ ھەددىدىن ئاشىدىكەن.