كرىستىن جاردىن: «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىققا سەل قاراشقا بولمايدۇ!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020.07.28

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىجرا قىلىۋاتقان تەدبىرلىرى ئاللىقاچان «ئېتنىك تازىلاش» دەپ ئېتىراپ قىلىنىپ بولغان بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ ھالنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تولىمۇ قورقۇنچلۇق بولغان «قىرغىنچىلىق» خاراكتېرىنى ئالغانلىقى بارغانسېرى كۆپ غەرب سىياسىيونلىرىنى بۇ ھەقتە پىكىر قىلىشقا ئۈندىمەكتە. ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى كرىستىن جاردىن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ، دۇنيا جامائىتىنى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىققا سەل قارىماسلىققا چاقىردى.

«شوتلاندىيەلىكلەر» گېزىتىدە 27-ئىيۇل كۈنى ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە كۆپلەپ مەلۇم بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلارغا دائىر ئۇچۇرلار ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان رېئاللىقنىڭ ئاللىقاچان «قىرغىنچىلىق» شەكلىنى ئېلىپ بولغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. بولۇپمۇ ئەنگلىيەدىكى خىتاي ئەلچىسىنىڭ مىڭلىغان ئۇيغۇر تۇتقۇننىڭ پويىز ئىستانسىسىدىكى خىتاي تۈرمىلىرىگە يۆتكىلىۋاتقان كۆرۈنۈش ھەققىدە سۆز قىلىپ «مەھبۇسلارنى يۆتكەش ھەممىلا دۆلەتتە بار ئىش» دېيىشى ئۇنى بەكمۈ شۈركەندۈرىۋەتكەن.

ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، يېقىندىن بۇيان لاگېر شاھىدلىرىنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي قىيناق ھەققىدىكى بايانلىرى كۆپلەپ تارقىلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا تاموژنا خادىملىرىنىڭ 13 توننا يالغان چاچنى «لاگېردىكىلەرنىڭ بېشىدىن چۇشۈرىۋېلىنغان» دېگەن سەۋەب بىلەن مۇسادىرە قىلىشى ئەھۋالنىڭ ھازىر قايسى دەرىجىگە بارغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بىر مۇھىم ئامىل ئىكەن. ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش ھەققىدىكى ئىسپاتلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن زىيانكەشلىكنىڭ ئىسپاتلىرى، قىرغىنچىلىقنىڭ پاكىتلىرى غەرب دۇنياسىنى دەل مۇشۇ ۋاقىتتا يۈز بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىققا قانداق مۇئامىلىدە قىلىشقا جىددىي چاقىرماقتىكەن.

پارلامېنت ئەزاسى جاردىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)نىڭ ئىيۇل ئېيىدا چاقىرىلغان كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى يىغىنىدا ئەنگلىيە ۋە باشقا يىگىرمە نەچچە دۆلەت خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنى كەسكىن تەنقىد قىلغان. ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دومىنىك راب بۇ ھەقتىكى سۆزىدە بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقانلىرىدىن ئۆزىنىڭ «بەكمۇ خاتىرجەمسىزلىنىۋاتقانلىقى» نى بىلدۈرگەن. يېقىندا بولسا ئەنگلىيەدىكى ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلىۋاتقانلىرىنى «ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىشنىڭ ئىنژېنىرلىقىنى لايىھەلەش» دەپ ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرغان. ئاپتور مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ «ئەمدى بىزنىڭ بۇنداق ئاشكارا قىرغىنچىلققا داۋاملىق سەل قارىشىمىزغا ھېچقانداق باھانە قالمىدى» دەپ كۆرسىتىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.