ئەنگلىيە ئىشچىلار پارتىيەسى ھۆكۈمەتكە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇشتىن چېكىنگەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.10.17

ئەنگلىيە ئىشچىلار پارتىيەسى بۇ يىل 6-ئايدىكى سايلامدا ھاكىمىيەتكە كېلىشتىن بۇرۇن، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلىشىنى كۈچلۈك تەشۋىق قىلىپ كەلگەنىدى. لېكىن ئەنگلىيە «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيە ئىشچىلار پارتىيەسىدىن چىققان تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى دەيۋىد لامى (David Lammy)، بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرى خىتايدا زىيارەتتە بولۇشنىڭ ئالدىدا، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش پىلانىدىن چېكىنگەن.

دەيۋىد لامىنىڭ 18-ئۆكتەبىر بېيجىڭغا يېتىپ بارىدىغانلىقى ۋە 19-ئۆكتەبىر شاڭخەيدە زىيارەتتە بولىدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، دەيۋىد لامىنىڭ زىيارىتى ئەنگلىيەنىڭ خىتايغا تۇتقان مۇئامىلىسىدىكى ئۆزگىرىشنى، خىتاي بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ قويۇق ئىقتىسادى مۇناسىۋەت قۇرۇشنى كۆزلەۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە ئىكەن.

خەۋەردە، ئەنگلىيە ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئېتىراپ قىلدۇرۇشتىن ۋاز كېچىشى، بۇ قېتىملىق دىپلوماتىك ئۇرۇنۇشنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

ئەنگلىيە پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسى 2021-يىلى 4-ئايدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى بىردەك ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېتىراپ قىلغان. ئەينى ۋاقىتتا ئۆكتىچى پارتىيە بولغان ئەنگلىيە ئىشچىلار پارتىيەسى ھۆكۈمەتنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى رەسمىي ئېتىراپ قىلىشىنى تەلەپ قىلغانىدى. ئەينى ۋاقىتتا، بۇ پارتىيەنىڭ پارلامېنتتىكى ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل كاندىدات مىنىستىرى، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى خەلقئارا سوتقا تاشلاپ بېرىشنىڭ يېتەرلىك بولمايدىغانلىقىنى، بەلكى ئۇنى ب د ت ئومۇمى يىغىنىغا ئېلىپ چىقىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. دەيۋىد لامىمۇ 2023-يىلى «فىبىيان جەمئىيىتى» نىڭ يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، ئەنگلىيە ئىشچىلار پارتىيەسى ھۆكۈمىتىنىڭ «شېرىكلىرى بىلەن كۆپ تەرەپلىك ھەرىكەت قىلىپ» خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشنىڭ قانۇنى يوللىرىنى ئىزدەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن ھازىر ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىدىكى مەنبەلەرنىڭ «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىگە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق خەلقئارا سوت مەھكىمىلىرى قارار قىلىدىغان مەسىلە» دېگەنلىكى، شۇنىڭدەك ئەنگلىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسىنىڭ «بۇ ھۆكۈمەت…. خەلقئارا شېرىكلىرى بىلەن ماسلىشىپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى جاۋابكارلىققا تارتىشتا چىڭ تۇرىدۇ» دەپ كۆرسەتكەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.