«ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئۇيغۇرلار» ناملىق بايانات ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2020-12-09
Share

قىرغىنچىلىق جىنايىتى ۋە بۇ جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنى خاتىرىلەش ھەمدە ئۇلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش كۈنىدۇر. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى «ئىرقى قىرغىنچىلىق ۋە ئۇيغۇرلار» دېگەن تېمىدا بايانات ئېلان قىلغان.

باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «بۈگۈن خەلقئارالىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ خاتىرىلەش ھەمدە ئۇلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش، شۇنداقلا بۇ جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش كۈنىدۇر. بۇ خاتىرىلەش ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئەڭ قاراڭغۇ تەرەپلىرىنى ئەسكە ئېلىش ۋە ۋە ئۇنىڭ تەكرارلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ۋەدە بېرىشنى نىشان قىلىدۇ. «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى خەلقئارا جەمئىيەتنى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى يەنە بىر ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىرىدۇ. ئۇيغۇر خەلقىگە يۈرگۈزۈلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋام قىلىۋاتىدۇ، بۇ تېخى خاتىرىلەش باسقۇچىغا كەلمىدى. ئەگەر خەلقئارالىق ئورگانلار ۋە تەشكىلاتلار تېزدىن ھەرىكەتكە كەلسە، ئۇ چاغدا ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىپ كېتىشىنى توسۇپ قېلىش پۇرسىتىمىز بولىدۇ. «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن بۇ ۋەھشىيلىكلەرنى ئېنىقلاش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا تېزدىن تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ.»

2020-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى خەلقئارالىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى خاتىرىلەش ۋە ھۆرمەت بىلدۈرۈش كۈنىدۇر. بۇ كۈن يەنە 1948-يىلى ئېلان قىلىنغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغۇچىلارنى جازالاش ئەھدىنامىسى» نىڭ 72 يىللىق خاتىرە كۈنىدۇر. «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەھدىنامىسى» ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى ماقۇللىغان تۇنجى كىشىلىك ھوقۇق شەرتنامىسىدۇر. بۇ ئەھدىنامە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى قىرغىنچىلىقلار «مەڭگۈ قايتا يۈز بەرمەسلىك» ئىرادىسىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئەھدىنامە يەنە ھەرقايسىي دۆلەتلەرنى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نىڭ تۇنجى خەلقئارالىق قانۇنىي ئېنىقلىمىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت