10-فېۋرال خىتاي شىنخۇا تورى خوتەن گۇما ناھىيەسى قوشتاغ بازىرىدا قۇرۇلغان «باقمىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش كوپىراتىپى» بنىڭ مەسئۇلى غۇلام تۇنىيازنىڭ ئېشەك بېقىپ باي بولۇشتەك ئىش-ئىزلىرىنى سۈرەتلىك خەۋەر قىلىپ تونۇشتۇرغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، غۇلام تۇنىياز بىر قانچە يىل ئىلگىرى ئېشەك سۈتىنىڭ ئىقتىسادىي قىممىتىنى بايقاپ، زامانىۋى ئۇسۇلدا ئېشەك بېقىشنى ئۆگەنگەن ۋە ئۇزاق ئۆتمەي «باقمىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش كوپىراتىپى» نامىدا ئېشەك فېرمىسى قۇرۇپ، ئېشەك بېقىشنى باشلىغان. ھازىر بۇ فېرمىدا 30 نەچچە ئېشەك بېقىلىۋاتقان بولۇپ، كۆپلىگەن دېھقانلار بۇ فېرمىغا ئېشەكلىرىنى «پاي» قىلىپ قوشۇپ بەرگەن.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى كۆپ جايلاشقان ۋە ئېتىقاد ۋە ئەنئەنە بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان خوتەندە بۇنداق فېرمىلارنىڭ پەيدا بولۇشى غەلىتە ئەھۋالدۇر. ئۇيغۇرلاردا «ئېشەكنىڭ كۈچى ھالال، گۆشى ھارام» دەپ قارىلىدۇ، گۆشى ھارام بولغانىكەن، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ سۈتىمۇ ھالال دەپ قارالمايدۇ. تېۋىپلارمۇ كېسەل داۋالاشتا ئېشەك سۈتىنىڭ ئورنىغا تۆگە سۈتى ئىچىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىقتىسادىي سىياسىتى بۇنىڭغا ئوخشاش غەيرىي كەسىپلەرنى داۋاملىق پەيدا قىلماقتا ھەم تەرەققىي قىلدۇرماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتى بىلەن بۈگۈن ئۇيغۇرلار ئېشەك باققان بولسا، ئەتە چوشقا بېقىشى، بۈگۈن ئېشەكتىن سۈت ئالغان بولسا، كەلگۈسىدە ئېشەك گۆشى تەمىنلەيدىغان فېرمىلارنى قۇرۇشى مۇمكىن ئىكەن.