ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ خىتايدىكى ئەلچىلىرى «بۇلۇت ئۈستىدىن ئۇيغۇرلارنى كۆردى»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021.06.01

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنى ئاقلاش تەشۋىقاتلىرىدىكى بىر مۇھىم ھالقا يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان خىتايدا خىزمەت قىلىۋاتقان چەتئەل دىپلوماتلىرىنى تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە تەشكىللەش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ قانچىلىك «كۆيۈمچان» بىر ھاكىمىيەت ئىكەنلىكىنى پەش قىلىشتا ئىپادىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرنىڭ بىرى يېقىندا شاڭخەي چەتئەل تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوتتۇرىغا چىقتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 29-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئون نەچچە ئەرەب مەملىكىتىنىڭ دىپلوماتلىرى شاڭخەيگە جەم بولۇپ، خىتاي تەمىن ئەتكەن كومپيۇتېر «بۇلۇت سۇپىسى» ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئادەملەر ۋە شەھەرلەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان. شۇنداقلا تاللانغان ئۇيغۇرلارنىڭ «قەلب ساداسى» نى ئاڭلاش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قانداق «ئەۋزەل ۋە باياشات» تۇرمۇش شارائىتىغا ئىگە قىلغانلىقىنى ھېس قىلغان. بولۇپمۇ بۇ ۋىدىيو كۆرۈنۈشلىرىدىكى خوتەن، ئاقسۇ، ئۈرۈمچى، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن ھەر ساھە كىشىلىرى سۆزلىگەن «مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ پۈتۈنلەي ئىغۋا ئىكەنلىكى» ھەققىدىكى باياناتلار «ئۇيغۇرلار مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتىدۇ» دېگەن خەۋەرلەرنى ئىنكار قىلىدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

پەلەستىننىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ مەدەنىيەت خادىمى شادى ئ‍ەبۇزار بۇ ۋىدىيولارنى كۆرگەندىن كېيىن سۆز قىلىپ «كومپارتىيە ھەر مىللەت خەلقىنى يېتەكلەپ زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشىپتۇ. غەربتىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ بۇنىڭغا قارا سۈركىمەكچى بولۇشى ئەمەلگە ئاشماس خام خىيالدۇر» دېگەن.

ھالبۇكى ئۆتكەن ئايدا بىرلەشمە ئاگېنتلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەخسۇس بۇيرۇق چۈشۈرۈپ مەجبۇرىي ھالدا ئۇيغۇرلارنى خۇددى يۇقىرىقىدەك ۋىديو شەكلىدە «مايكىل پومپيونى ئەيىبلەش» ھەرىكىتى قوزغىغانلىقىنى خەۋەر قىلغانىدى. بۇنىڭ بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جەھەتتىكى بىر زور يالغانچىلىقى دۇنياغا ئاشكارا بولغان ئىدى. نۆۋەتتە بۇ قېتىمقى ئۇيغۇرلارنى ۋىديو ئارقىلىق سۆزلىتىشنىڭمۇ ئاشۇ خىلدىكى مەجبۇرىي ئورۇنلاشتۇرۇش ئىكەنلىكى ھەققىدە تۈرلۈك گۇمانلار ئوتتۇرىغا چىقماقتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.