خىتاينىڭ نوپۇزلۇق بىر ھۆكۈمەت گېزىتى ئوبزور ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەربىي كېڭەيمىچىلىكىگە ئامېرىكا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
«خەلق گېزىتى» نىڭ دۈشەنبە كۈنى قەيت قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ھەرىكىتى خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشىگە سەۋەب بولىدىكەن. ئامېرىكىنىڭ «خوپپېر» ئۇرۇش پاراخوتى ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى جەنۇبىي دېڭىزنىڭ خىتاي كونترول قىلىپ تۇرغان ئىگىلىك ھوقۇقى فىلىپپىن بىلەن تالاش-تارتىشتىكى سكاربورو ئارىلىغا 12 دېڭىز مېلى يېقىنلاشقان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 20-يانۋار ئامېرىكىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ «خىتاينىڭ دېڭىز ئىگىلىك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ خىتايغا قانداق ئىنكاس قايتۇرغانلىقى مەلۇم بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ پۈتۈن دۇنيادا «ئەركىن دېڭىز قاتنىشى» مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلدى. ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىر ئامېرىكا ھەربىي ئەمەلدارى ئامېرىكا ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ سكاربورو ئارىلىغا يېقىنلىشىشى يۇقىرىقى سىگنالنى بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
لېكىن «خەلق گېزىتى» نىڭ ئوبزورىدا، «ئەگەر ئالاقىدار تەرەپ يەنە بىر قېتىم سەۋەبسىز ئىغۋاگەرچىلىك پەيدا قىلىپ، ۋەزىيەتنى جىددىيلەشتۈرسە، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا تىنچلىقنى قوغداش ئۈچۈن بۇ رايوندىكى ھەربىي ئىمكانلىرىنى كۈچەيتىش ۋە قۇرۇشنى تېزلىتىشى كېرەك، دەيدىغان خۇلاسىگە كېلىشىگە سەۋەب بولىدىغانلىقى» تەكىتلەنگەن.
«خەلق گېزىتى» نىڭ يۇقىرىقى ئوبزورىدىن ئىككى كۈن ئاۋۋال ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۆزىنىڭ 2018-يىللىق دۆلەت مۇداپىئە ئىستراتېگىيەسىنى ئاشكارىلاپ، خىتاينىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن تېررورلۇقتىنمۇ زور تەھدىت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. «خەلق گېزىتى» نىڭ ئوبزورى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جىم ماتتىس ھىندونېزىيە، ۋىيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلار بىلەن ھەربىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن يولغا چىققان كۈنى ئېلان قىلىندى.