فىلىپپىن جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا توغرا يولدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

فىلىپپىن ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بولغان جەنۇبىي دېڭىزىدىكى تېررىتورىيە مەسىلىسىنى خەلقئارالىق قانۇن بويىچە ھەل قىلىشتا توغرا يولدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئەمما، خىتاي فىلىپپىن ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۇرۇنۇشىنى رەت قىلدى.

فىلىپپىن پرېزىدېنتى ئاكىنونىڭ باش مەسلىھەتچىسى ئالمەندراس چارشەنبە كۈنى خىتاينىڭ رەت قىلىشىغا قارىماي مەسىلىنى يەنىلا ب د ت دا ھەل قىلىش يولىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۇلارنىڭ قوشۇلۇش-قوشۇلماسلىقىدىن قەتئىي نەزەر بىز بۇنى داۋاملاشتۇرىمىز.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۈگۈنكى باياناتىدا، فىلىپپىن ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەرنىڭ «تارىخىي ۋە قانۇنىي نۇقتىدىن خاتا» ئىكەنلىكى ۋە فىلىپپىننىڭ تەكلىپنى رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ھەقتە توختالغان ئالمەندراس: ئەلۋەتتە بۇ مەسىلىدە بىز توغرا يولدا. قولىمىزدا بۇنى ئىسپاتلايدىغان يېتەرلىك ھۆججەتلەر بولمىغان بولسا، بۇ يولنى تۇتمىغان بولاتتۇق، دېدى.

خىتاي دائىرىلىرى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان فىلىپپىن ئۆزىنىڭ، دەپ قارايدىغان دېڭىز تەۋەلىكىگە خالىغانچە ئۈسۈپ كىرىپ، فىلىپپىن بېلىقچىلىرىغا پاراكەندىچىلىك سېلىشنى كۈچەيتكەن.

نەتىجىدە فىلىپپىن ئۆتكەن ئايدا خىتاي بىلەن بولغان دېڭىز تەۋەلىكى مەسىلىسىنى 1982-يىلدىكى دېڭىز قانۇنى كېلىشىمى بويىچە ب د ت دا ھەل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.