ئامېرىكا: «ئەگەر خىتاي خەلقئارا سوتنىڭ جەنۇبىي دېڭىز توغرىسىدىكى قارارىغا خىلاپلىق قىلسا، ئىتتىپاقداشلىرىمىزنى قوغدايمىز»
2022.07.13
ئامېرىكا تاشقىي ئىشلا رمىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېن، ئەگەر خىتاي خەلقئارا سوتنىڭ 2016-يىلى جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى توغرىلىق چىقارغان قارارىغا خىلاپلىق قىلسا، ئامېرىكانىڭ رايوندىكى ئىتتىپاقدىشى بولغان فىلىپپىننى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. گوللاندىيەنىڭ گائاگا شەھىرىدىكى خەلقئارا سوت مەھكىمىسى فىلىپپىننىڭ ئەرزىگە بىنائەن 2016-يىلى جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق توغرىسىدا كېسىم چىقىرىپ، خىتاينىڭ مەزكۇر دېڭىز رايونىدىكى ئىگىلىك ھوقۇق تەلىپىنى رەت قىلغان. بىراق خىتاي خىتاي خەلقئارا سوتنىڭ مەزكۇر قارارىنى تونۇمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، بۇ رايوندىكى مارجان ئاراللىرىدا ھەربىي ئەسلىھە قۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئىدى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 12-ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە، ئانتونىي بلىنكېن، ئەگەر فىلىپپىن قىسىملىرى، ھەربىي پاراخوتلىرى ۋە ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرى ئىختىلاپتىكى مەزكۇر دېڭىز رايونىدا ھۇجۇمغا ئۇچرىسا، ئامېرىكانىڭ فىلىپپىن بىلەن بولغان ئىتتىپاقداشلىق كېلىشىمى بويىچە ئۇنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى ئېيتقان. بۇ ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرىنىڭ تۇنجى قېتىم بۇ رايوندىكى ئىتتىپاقداشلىرىغا خىتاينىڭ رايوندىكى ھەربىي ئىغۋاگەرچىلىكىگە قارىتا ئۇلارنى قوغدايدىغانلىقى توغرىسىدا خىتايغا ئېنىق سىگنال بېرىشىدۇر.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بلىنكېننىڭ بۇ ئاگاھلاندۇرۇشى، 12-ئىيۇل خەلقئارا سوتنىڭ قارارى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 6 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكانىڭ مانىلادىكى ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان. بلىنكىننىڭ باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن: «بىز جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى خەلقئارا قانۇندىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا ۋە ئىغۋاگەرچىلىك خاھىشىنى توختىتىشقا چاقىرىمىز… بىز شۇنداقلا يەنە جەنۇبىي دېڭىزدىكى فىلىپپىن قوراللىق كۈچلىرى، ئاممىۋى پاراخوتلىرى ياكى ئايروپىلانلىرىغا قارىتىلغان قوراللىق ھۇجۇمدا، ئامېرىكانىڭ ئۆز-ئارا مۇداپىيە ئەھدىنامىسىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلەيمىز.»
ئامېرىكا بىلەن فىلىپپىن ئارىسىدىكى «ئۆز ئارا مۇداپىيە ئەھدىنامىسى» 1951-يىلى ئىمزالانغان. «بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بلىنكېننىڭ باياناتىدىن بىر كۈن ئاۋۋال، يەنى 11-ئىيۇل كۈنى ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى رىچارد مارلېس، ئامېرىكانى ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەربىي مەۋجۇتلىقىنى كۈچەيتىشكە چاقىرغان. رىچارد مارلېس، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ بۇ رايوندىكى ھەربىي تەڭپۇڭلىقىنى ساقلىمىسا، بۇنىڭ ئاپەت خاراكتېرلىك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.