جەنۇبىي دېڭىز ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلەشكەنلىكى مەلۇم

مۇخبىرىمىز جۈمە
2015-10-28
Share

ئامېرىكا دائىرىلىرى خىتاي سۈنئىي ئاراللارنى ياساپ «ئۆزىنىڭ» دەپ ئېلان قىلغان دېڭىز تەۋەلىكىدىن ھەربىي كېمىلەرنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، مەزكۇر دېڭىز ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلەشكەنلىكى مەلۇم.

ئامېرىكا خىتاي سۈنئىي ئارال ياسىغان سپراتېل ئارىلىغا 12 دېڭىز مىلى كېلىدىغان جايغا USS Lassen ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن قوراللانغان ئۇرۇش پاراخوتىنى ئەۋەتكەن.

سەيشەنبە كۈنى خىتاي ئامېرىكىنىڭ باش ئەلچىسىنى چاقىرىتىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن ۋە ئامېرىكىنى ھەربىي «ئىغۋاگەرچىلىك» بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.

ھالبۇكى، سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاشتۇن كاتېر دۆلەت مەجلىسىدە چاقىرىلغان گۇۋاھلىق بېرىش يىغىندا ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر رايوندىكى ھەربىي مەشغۇلاتلارنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: خەلقئارا قانۇن يول قويغانىكەن، بىز بۇ رايوندا يەنە ئۇچىمىز ۋە مەشغۇلات قىلىۋېرىمىز.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: يېقىنقى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان بۇ يەردە دېڭىز ئارمىيە مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىلدى، بۇ خىل مەشغۇلاتلار ئالدىمىزدىكى ئاي-كۈنلەردە يەنە كۆپلەپ ئېلىپ بېرىلىدۇ.

خىتاي جەنۇبىي دېڭىزنىڭ سپراتېل، پاراسېل ئاراللىرى تەۋەسىگە بىر نەچچە سۈنئىي ئاراللارنى ياساپ، ۋىيېتنام، فىلىپپىن ۋە تەيۋەن قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئېتىراز بىلدۈرۈشىگە ئۇچرىغان.

خىتاينىڭ مەزكۇر ئاراللارغا ئايروپىلان ئۇچۇش يوللىرىنى ياسىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، ئامېرىكا رايون ۋەزىيىتىگە تېخىمۇ جىددىي دىققەت قىلىشقا باشلىغان.

سەيشەنبە كۈندىكى ئاخبارات ئېلان قىلىشى يىغىندا خىتاي تاشىقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى لۇ كاڭ خىتاينىڭ ئارال مەسىلىسىدە ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىدىغان، ياكى قوللانمايدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئاللاردىن ئۆزىنى قاچۇرغان.

ھالبۇكى، چارشەنبە كۈنى خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» ئوبزور ئېلان قىلىپ، جەنۇبىي دېڭىزدا ئامېرىكا بىلەن ئۇرۇش قىلىشتىن يانمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت