مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ «لياۋنىڭ» ناملىق ئاۋىئاماتكىسى 26-دېكابىر كۈنى فىلىپپىن بىلەن تەيۋەن ئارىلىقىدىكى تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان سەزگۈر سۇ رايونىغا ئۈسۈپ كىرگەن. بۇ ھال تەيۋەن، ياپونىيە قاتارلىق ئەللەرنى جىددىيلەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ مەزكۇر سۇ رايونىغا بولغان سەزگۈرلۈكىنى يەنىمۇ ئاشۇرغان.
تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۈگۈن جىددىي بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ «لياۋنىڭ» ناملىق ئاۋىئاماتكىسىنىڭ 5 دانە قوغدىغۇچى ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ ھىمايىسىدە تەيۋەن ئارىلىنىڭ جەنۇبىغا 90 مىل كېلىدىغان سۇ رايونىغا ئۈسۈپ كىرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ھالبۇكى، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۋا چۈنيىڭ بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ: «بۇ قېتىملىق مانېۋىر ‹لياۋنىڭ› ناملىق ئاۋىئاماتكىنىڭ ئوچۇق دېڭىزدا جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى سىناش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان. ئۇنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ھېچقانداق يېرى يوق» دېگەن.
تەيۋەن دائىرىلىرى «‹لياۋنىڭ› ناملىق ئاۋىئاماتكىنىڭ بۇ قېتىملىق ھەرىكىتى ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئامېرىكىغا بېرىۋاتقان بىر سىگنالىدۇر. ئۇنىڭ ھەرىكەت دائىرىسى ئاللىقاچان تەيۋەن بىلەن ياپونىيەنىڭ دېڭىز تېررىتورىيەسىگە بۆسۈپ كىردى» دېگەن.
ياپونىيە تەرەپمۇ «لياۋنىڭ» ناملىق ئاۋىئاماتكىنىڭ يۈرۈش دائىرىسى ياپونىيەنىڭ مىياكو ۋە ئوكىناۋا ئاراللىرىغا يېقىنلاشتى، ياپونىيە ئەڭ جىددىي ھالەتتە ئۇنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزەتمەكتە، دېگەن.