كانادا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

كانادا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مىلانى جۇلى (Melanie Joly) 5-ئاپرېل كۈنى خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن تېلېفونلاشقاندا، ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان.

بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، كانادا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مىلانى جۇلى كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇنغا ھۆرمەت قىلىش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدىغانلىقى، ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۆتكەن يىللاردا خىتاي ھۆكۈمىتى كانادا پۇقرالىرىنى ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك تۇتقۇن قىلغان، ھەتتا بىرسىنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان بولۇپ، كانادا تاشقىي ئىشلار مىنسىتىرى بۇنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ۋە خىتايغا «كانادا بىلەن بولغان سەمىمىي مۇناسىۋەتنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىل» دېگەن سىگنالنى بەرگەن.

ئىككى تەرەپ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىن باشقا يەنە، ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىلىق پىكىر ئالماشتۇرغان. مىلانى جۇلى رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نىزامىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى، كۆپلىگەن دۆلەتلەر قاتارىدا كانادانىڭمۇ خىتاينىڭ بۇ ئۇرۇشقا تۇتقان مەيدانىغا ۋە كېيىنكى ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.