ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى قارار لايىھىسى سۇنۇپ، 2022‏-يىللىق قىشلىق ئولىمپىكنىڭ خىتايدا ئۆتكۈزۈلمەسلىكىنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020.03.09

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ 11 نەپەر ئەزاسى ئۆتكەن ھەپتە قارار لايىھەسى سۇنۇپ، 2022‏-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى تۇتقۇن قىلغان خىتايدەك بىر دۆلەتتە ئۆتكۈزۈلمەسلىكىنى تەلەپ قىلغان. قارار لايىھىسىدە، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى باشقا دۆلەتكە يۆتكىشى تەلەپ قىلىنغان.

مەزكۇر قارار لايىھىسىنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى رىك سكوت بىلەن ئەد ماركېي سۇنغان بولۇپ، ئۇنىڭغا جىم ئىنخوف، دىك دۇربېن، مارتا مىكسالېي، دوۋ جونېس، ماركۇ رۇبىئو، تام كاتتون قاتارلىق ئەزالار ئىمزا قويغان. قارار لايىھىسىدە، ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا، ئىنسانلارنىڭ ئىززەت-ئېتىبارىغا ھۆرمەت قىلىدىغان بىر دۆلەتتە ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەكلىكى، لېكىن خىتاينىڭ «بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق مۇسۇلمانلارنى تۇتقۇن قىلىپ، دىنىي كىملىكنى يوقىتىش مەقسىتىدە قۇرۇلغان 1200 دەك ‹كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى› نامىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىغانلىقى» تەكىتلەنگەن. قارار لايىھىسىدە يەنە «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوشماق تۇغقان ۋە بىر ئائىلە بولۇش پروگراممىسىنى يولغا قويۇپ، خىتاي ئەركەك «تۇغقانلار» نى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر ئائىلىلەرنى نازارەت قىلىشقا ۋە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىكى ئەركەكلەرنىڭ ئاياللىرى بىلەن قەرەللىك بىر ئورۇندا يېتىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلىقى، بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئائىلىلەرنىڭ تەقىبلەشكە ۋە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىلىشى مۇمكىنلىكى» بىلدۈرۈلگەن.

كېڭەش پالاتا ئەزاسى جىم ئىنخوف ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن مەزكۇر قارار لايىھەسىگە ئىمزا قويغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، «خىتاي كومپارتىيەسى جۇڭگو خەلقىگە داۋاملىق زۇلۇم قىلىۋاتىدۇ، بىز بۇنى شىنجاڭدىكى ‹قايتا-تەربىيەلەش› لاگېرلىرىدا ۋە شياڭگاڭدا ئېنىق كۆردۇق. مەن 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈپ، كومپارتىيەنىڭ قىلمىشىغا كەڭچىلىك قىلىشنىڭ ھېچقانداق سەۋەبىنى كۆرۈپ باقمىدىم» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.