كىم جوڭئون بىلەن شى جىنپىڭ 3-قېتىم كۆرۈشتى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.06.19

ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن ئۇچراشقان شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئون 19-ئىيۇن كۈنى يەنە بىر قېتىم خىتايغا كېلىپ، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەن. فىرانسىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ ئۇنىڭ مارت ئېيىدىن بۇيانقى 3-قېتىملىق خىتاي زىيارىتى ئىكەن.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» نىڭ 19-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، كىم جوڭئۇننىڭ بۇ قېتىمقى بېيجىڭ سەپىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جەنۇبىي كورېيەدە ئاۋغۇست ئېيىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئۇرۇش مانېۋىرىنى بىكار قىلىشنى جاكارلىشىنىڭ ئەتىسىگە توغرا كەلگەن. بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ سىنگاپوردىكى ئۇچرىشىشقا ھەمدە كورېيە يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇش قارارىغا يۇقىرى باھا بەرگەن. ئەمما خىتاينى ئىزچىل ھالدا شىمالىي كورېيەنىڭ ئەڭ زور ئارقا تىرىكى، دەپ قاراپ كېلىۋاتقان خەلقئارا جامائەت كىم جوڭئۇننىڭ بۇ قېتىمقى بېيجىڭ سەپىرىنى «شى جىنپىڭنىڭ يەنىلا كىم جوڭئۇننىڭ بۇرنىدىن يېتىلەپ مېڭىۋاتقان كىشى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە،» دەپ شەرھىلىگەن. 

س ن ن نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، كىم جوڭئۇن بۇ قېتىم بېيجىڭغا ئىقتىسادىي جەھەتتە ياردەم سوراپ كەلگەن بولۇشى ئېھتىمالغا تولىمۇ يېقىن ئىكەن. چۈنكى شىمالىي كورېيە ب د ت ئىجرا قىلىۋاتقان ئىقتىسادىي قامال سەۋەبىدىن راۋۇرۇس ھالسىزلىنىپ قالغان بولغاچقا خىتاينىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشى ئۇلار ئۈچۈن بەكمۇ زور قىممەتكە ئىگە ئىكەن. ئەمما بۇ ياردەملەرنىڭ قانداق شەكىلدە ھەمدە قايسى ۋاقىتتا ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقى ھەققىدە ھازىرچە ھېچقانداق نەرسە مەلۇم ئەمەس ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.