جۇڭگو خەۋەرلەر تورىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، 1-سېنتەبىردىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇزۇن يوللۇق قاتناش شىركەتلىرى يولۇچىلارنىڭ كىملىك ئۇچۇرى يېزىلغان بېلەت ئارقىلىق يول يۈرۈش بەلگىلىمىسىنى يولغا قويغان.
مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر بەلگىلىمە 1-سېنتەبىردىن باشلاپ ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس باش بېكەتلىرىدە رەسمىي ئەمەلىيلەشكەن.
مۇخبىرلار ئۈرۈمچى خۇمدانلىق-نيەنزىگودىكى يولۇچىلار باش بېكىتىدە مىڭلىغان يولۇچىلارنىڭ ئۆچىرەتتە تۇرغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر يولۇچىلارنىڭ قوللىرىغا كىملىك، نوپۇس دەپتىرى، شوپۇرلۇق كىنىشكىسى قاتارلىق ئىسپات-كىنىشكىلارنى كۆتۈرۈپ بېلەت ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن.
كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىشىشىگە ئەگىشىپ دائىرىلەرنىڭ رايوندىكى قاتناش، ئاممىۋى پائالىيەت، ئاھالىلەرنىڭ نورمال خىزمەت ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىغا ئېغىر چەكلىمىلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.