ئەنگلىيە خىتاينىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەنقىد قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015.01.23

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 2014‏-يىلنىڭ 4‏-پەسىللىك كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى تەييارلاپ، خىتاينىڭ بۇ مەزگىلدە داۋاملىق پۇقرالىق ۋە سىياسىي ئەركىنلىكنى چەكلىگەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى باستۇرغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

دوكلاتتا: «ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئىلھام توختىغا بېرىلگەن ئەسلىدىكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى ساقلاپ قېلىندى، ئۇنىڭ 7 نەپەر ئوقۇغۇچىسى 3 يىلدىن 8 يىلغا قەدەر قاماققا بۇيرۇلدى، بىراق ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئەھۋالى ھازىرغا قەدەر ئېنىق،» دېيىلگەن.

دوكلاتتا، بۇنىڭغا ئەنگلىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بايانات ئېلان قىلىپ، سۆز ئەركىنلىكىنى چەكلەشكە ئىپادە بىلدۈرگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

دوكلاتتا يەنە، ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرقى پەسلىدە ئۇيغۇر ئېلىدە نۇرغۇن كىشىلىك تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى، بىراق مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى چەكلەش سىياسىتى رايوندا داۋاملىق زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا، دەپ ئەيىبلەۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.