ئەركىنلىك سارىيى جون كەرىينى مەركىزى ئاسىيا دۆلەتلىرىدە كىشىلىك ھوقۇقنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015-10-30
Share

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى-ئەركىنلىك سارىيى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى جون كەرىينىڭ مەركىزى ئاسىيا دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلغاندا كىشىلىك ھوقۇقنى تەكىتلىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى 3 كۈن ئاۋۋال جون كەرىينىڭ ۋىيېننا 29‏-ئۆكتەبىر باشلىنىدىغان سۈرىيە مەسىلىسى ھەققىدىكى خەلقئارا يىغىننىڭ تۈگىتىپ،3‏-نويابىرغا قەدەر قازاقىستان، تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق 5 مەركىزى ئاسىيا دۆلىتىگە زىيارەتكە چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئەركىنلىك سارىيىنىڭ باياناتىدا مەزكۇر ئورگاننىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى روبېرت ھېرمان جون كەرىينىڭ «مەركىزى ئاسىيا زىيارىتى ئۇنىڭ بۇ ئەللەردىكى خەلققە سىياسىي كۆپ قۇتۇپلۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ئۈچۈن قىممەتلىك پۇرسەت» دېگەن.

ئەركىنلىك سارىيى باياناتىدا يەنە، «ئۇ ئۆز ئارا ۋە ئاممىۋى سورۇنلاردا ئامېرىكىنىڭ مەركىزى ئاسىيا خەلقىنىڭ سۆز ئەركىنلىكىنى، ئۆز رەھبەرلىرىنى ئەركىن ھەم ئادىل سايلام ئارقىلىق سايلىشىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېنىق ئىپادىلىشى كېرەك» دەپ كۆرسەتكەن.

بۇ جون كەرىينىڭ ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرۇپ كېلىۋاتقاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم مەركىزى ئاسىيا دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلىشىدۇر.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت