ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر كۆچمە نوپۇسنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يەنىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016.05.02


شىنخۇا تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر 27 - ئاپرېل كۈنى «كۆچمە نوپۇسنى باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قولايلىق كارتىنى ئىشلەتمەسلىك» تېمىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۇزگەن.

مەزكۇر يىغىندا دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد كىملىكنىڭ ئىقتىدارىنى كۆپەيتكەنلىكىنى، تۇرالغۇ كىنىشكىسى تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرگەنلىكىنى جاكارلىغان.

يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ۋاڭ مىڭشەن مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېگەن: «قولايلىق كارتىنى ئىشلەتمىگەندە كۆچمە نوپۇسنى باشقۇرۇشنى ئاددىيلاشتۇرغىلى، ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق ياراتقىلى، تەكشۈرۈش داۋامىدا كۆرۈلىدىغان زىددىيەت ۋە خاتا چۈشەنچىلەردىن ساقلانغىلى بولىدۇ.»

مەزكۇر يىغىندا يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى نيۇ زۇڭيى مۇنداق دېگەن: «قولايلىق كارتىنى ئىشلەتمىگەندە شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ كۆچمە نوپۇسنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى، كۆچمە نوپۇستىكىلەرنىڭ ھەققانىي ھوقۇق مەنپەئەتىگە دەخلى - تەرۇز قىلىدىغان قانۇنسىز قىلمىشلارنى توسۇغىلى شۇنداقلا كۆچمە نوپۇسنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ۋە رازىمەنلىكىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.»

كۆزەتكۈچىلەر، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئاتالمىش «قولايلىق كارتى» نى ئۆزلىرى يولغا قويۇپ، ئارقىدىن ئۇنى بىكار قىلىشى ھەمدە بۇ ھەقتە مەخسۇس مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇشىنى، ئۇلارنىڭ ئاتالمىش «قولايلىق كارتى» نىڭ «قولايسىزلىقى» نى ئۆز ئېغىزى بىلەن ئېتىراپ قىلىشىدۇر، دەپ قارىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.