خەلقئارا كۆچمەنلەر كۈنىدە كۆچمەنلەرگە ئادىل مۇئامىلە قىلىش تەلەپ قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2014.12.18


بۈگۈن، 18 - دېكابىر خەلقئارا كۆچمەنلەر ھوقۇقى كۈنى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2014 - يىلى ئىنسانلىق تارىخىدا كۆچمەنلەر سانى ئەڭ كۆپ بولغان بىر يىل بولۇپ، دۇنيا مىقياسىدا ئۆز دۆلىتىدىن ئايرىلىپ باشقا بىر دۆلەتتە ياشاۋاتقان ۋە ئىشلەۋاتقان كۆچمەن سانى 232 مىليونغا يەتكەن. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ كۆچمەنلەرگە قارىتىلىۋاتقان ئېكىسپىلاتاتسىيە ۋە كەمسىتىشمۇ كۈچەيگەن بىر يىل بولغان.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى زېيىد ھۈسەيىن بۈگۈنكى باياناتىدا، كۆچمەنلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئىجتىمائىي ھوقۇقلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى، ئۇلارنىڭمۇ باشقىلار بىلەن ئوخشاش مۇئامىلە كۆرۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ۋە بۇنىڭ يېڭى بىر يىلدىكى مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ بىرى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بېسىم سىياسىتىنىڭ ئارتىشىغا ئەگىشىپ، دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىغا كۆچۈپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىمۇ ئېشىپ بارماقتا. پاسپورت قېيىنچىلىقى سەۋەبىدىن قاچاق يوللار ئارقىلىق چەتئەلگە قاچماقچى بولغان نەچچە يۈز ئۇيغۇر بولسا نۆۋەتتە قانۇنسىز كۆچمەن، دەپ تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. بىراق كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارى زېيىد ھۈسەيىن بۈگۈنكى سۆزىدە، قانۇنسىز كۆچمەن دېگەن ئۇقۇمنىڭ خاتالىقىنى، بۇنىڭ، بۇ كىشىلەرنىڭ ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىغا يول ئېچىپ بەرمەسلىكى كېرەكلىكىنى ئاگاھلاندۇرغان. ئۇ مۇنداق دېگەن : «قانۇنسىز ئادەم دەيدىغان بىر ئۇقۇم يوق. مەيلى قانۇنلۇق كۆچمەن بولسۇن ياكى قانۇنسىز كۆچمەن بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا، ئادالەتكە ۋە ئەركىنلىككە ئېرىشىش ۋە كىشىلىك غورۇرى بىلەن ياشاش ھوقۇقى بار.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.