رىك سىكوت: «كوداك شىركىتىنىڭ كوممۇنىست خىتاينىڭ دەپسەندىچىلىكلىرىنى يوشۇرۇشى نومۇستۇر»

«فوكس سودا» خەۋەر تورىنىڭ 2-سىنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى رىك سكوت: «كوداك شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا تارتىلغان سۈرەتلەرگە يازغان ئىزاھاتى ئۈچۈن خىتايدىن كەچۈرۈم سورىغانلىقى ۋە سۈرەتلەرنى ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ بەتلىرىدىن ئۆچۈرۋەتكەنلىكى، ئەمەلىيەتتە بېيجىڭنىڭ باستۇرۇش سىياسىتىگە كۈچ بەرگەنلىكتۇر. خىتايغا بويسۇنۇش پەقەتلا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باستۇرۇشلىرىنى كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولىدۇ. بۇ رايون (ئۇيغۇر رايونى) بېيجىڭ دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا يۈرگۈزۈلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر.»

كوداك شىركىتى ئۆزىنىڭ ئىنىستاگرام سەھىپىسىدە فرانسۇز فوتوگراف پاترىك ۋاكنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىن تارتقان سۈرەتلىرىنى ئېلان قىلغان ئىدى. بۇ فوتوگراف ئۇيغۇر رايونىدا تارتىلغان بۇ سۈرەتلەرگە يازغان ئىزاھاتىدا «بۇ رايوندا كەڭ كۆلەمدە خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇلغان، بۇ سۈرەتلەر شىنجاڭ رايونىنىڭ بىردىنلا ‹ئورۋېلچە دىستوپىيە› ئىچىگە چۈشۈپ قالغانلىقىنىڭ پاكىتى» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتكەن. ئۇنىڭ بۇ ئىزاھاتى دەرھال خىتايدىكى تور كېزەرلىرىنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىغان. خىتاي تاراتقۇلىرى ۋە تور كېزەرلىرىنىڭ نارازىلىقى نەتىجىسىدە كوداك شىركىتى ئۇيغۇر رايونىدىن تارتىلغان سۈرەتلەرنى ۋە بۇ سۈرەتلەرگە يېزىلغان «ئورۋېلچە دىستوپىيە» دېگەن ئىزاھاتلارنى ئۆزىنىڭ ئىنستاگرام بېتىدىن ئۆچۈرىۋەتكەن ئىدى.

رىك سكوت 1-سىنتەبىر ئۆزىنىڭ تىۋېتتېر ھىسابىدا كوداك شىركىتىگە يازغان خېتىنى ھەمبەھىرلىگەن. ئۇ يەنە مۇنداق دەپ يازغان: «كوداك شىركىتى كوممۇنىست خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان رەھىمسىز كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى يورۇتۇپ بەرگەن سۈرەتلەرنى ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ بېتىدە ھەمبەھىرلىگەن. ئەمما كېيىنچە بۇ سۈرەتلەرنى ئۆچۈرىۋەتكەن ۋە خىتايدىن كەچۈرۈم سورىغان. كوداكنىڭ كوممۇنىست خىتاينىڭ دەپسەندىچىلىكلىرىنى يوشۇرۇشى نومۇس قىلىدىغان بىر ئىشتۇر.»