يەكەن ناھىيەسىدىكى كۆمۈركاندا يۈز بەرگەن ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 5 كە يەتتى

ئۇيغۇر رايونىنىڭ يەكەن ناھىيەسىدىكى كۆمۈر كاندا 3‏-ئاپرېل كۈنى يۈز بەرگەن ۋەقەدە ئۆلگەن ئادەم سانى 5 كە يەتكەن. خىتاي ئاخباراتى دەسلەپكى خەۋىرىدە 3 ئادەم ئۆلگەنلىكىنى، 7 ئادەمنىڭ كان ئاستىدا قامىلىپ قالغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.

يەكەن ناھىيەسىدىكى «تيەنلى» ناملىق خىتاي كۆمۈر كان شىركىتىنىڭ كان قۇدۇقىدا يۈز بەرگەن ۋەقە، كان قۇدۇقىنىڭ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈشى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان.

ناھىيەلىك كۆمۈركان بىخەتەرلىك دائىرىلىرىنىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، قۇتقۇزۇش ئەترىتى سەيشەنبە كۈنى ئىككى 2 جەسەت تاپقان. دائىرىلەر، يەنە 5 ئادەمنىڭ قۇدۇق ئاستىدا داۋاملىق قامىلىپ ياتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئۆلۈك-تىرىكلىكى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن.

3‏-ئاپرېل سائەت 2:50 لەردە كان قۇدۇقى گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەندە كان ئاستىدا 19 ئىشچى مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىكەن. يەرلىك دائىرىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقەدىن كېيىن كان ئىنژېنېرى، كان باشلىقى ۋە باشقا مەسئۇل كىشىلەر تۇتقۇن قىلىنغان.

خىتاي كان ۋەقەلىرى دۇنيادا ئەڭ كۆپ يۈز بېرىدىغان ۋە ئەڭ كۆپ ئادەم ئۆلىدىغان دۆلەت. ئەمما ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ كۆمۈر بايلىقىنى قالايمىقان ۋە پىلانسىز قېزىش پائالىيىتى كان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ بوشاپ، رايوندا كان ۋەقەلىرىنىڭ كۆپلەپ يۈز بېرىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب بولۇپ قالغان.

بۇ قېتىم كان ۋەقەسى يۈز بەرگەن «تيەنلى» كۆمۈر كېنى يەكەن ناھىيە بازىرىدىن 110 كىلومېتىر يىراقلىقتا ئىكەن.