2014-يىلى كۇچادىكى باستۇرۇشتا خىزمەت كۆرسەتكەن كۇچا ناھىيەلىك پارتكومنىڭ سابىق سېكرىتارى ياڭ فاسېن ئۆستۈرۈلۈپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرىتارلىقىغا تەيىنلەنگەن. خىتاي ئازاتلىق ئارمىيەسىنىڭ يادرو سىنىقى قىسمىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن بۇ سابىق خىتاي ئەسكىرى ھەربىيلىكتىن ئالماشقاندىن كېيىن، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ ئەمەلدارى، كۇچا ناھىيەلىك پارتكومنىڭ سېكرىتارى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.
ياڭ فاسېن 2017-يىلى باشلانغان خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى چوڭ تۇتقۇنى مەزگىلىدە خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ سېكرىتارى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن، 2021-يىلى 3-ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە يۆتكەپ كېلىنگەن.
«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جاڭ فاسېن 2014-يىلى كۇچا ناھىيەسىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلىدە بېيجىڭنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، ئۇ شۇ يىلى كۇچادا ئاتالمىش «تېرورلىق تەشكىلاتى» نىڭ 30 نەپەر ئەزاسىنى قولغان ئالغان ئىكەن. خەۋەردە ياڭ فاسېننىڭ «تېرورلىققا قارشى تۇرۇش مۇتەخەسسىسى» ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەركىتى» نىڭ زەربە بېرىش تىزىملىكىدىكى كىشى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.
ھالبۇكى، مەۋجۇتلىقى ھازىرغا قەدەر ئىزچىل سۇئال پەيدا قىلىپ كەلگەن ۋە ئۆتكەن يىلى ئامېرىكانىڭ «تېرورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكى» دىن چىقىرىۋەتكەن بۇ تەشكىلاتنىڭ بۇنداق بىر تىزىملىكىنىڭ بارلىقى مەلۇم بولۇپ باقمىغان ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، ياڭ فاسېننىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرىتارلىقىغا تەيىنلىنىشى، خىتاينىڭ يېقىندا ئېلىپ بارغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلىق پارتكومنىڭ دائىمى ھەيئەتلىرىنى قايتا رەتكە سېلىش ھەركىتىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەن. خىتاي دائىرىلىرى بۇ قېتىملىق رەتكە سېلىشتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ چېن چۇەنگو باشچىلىقىدىكى 15 كىشىلىك دائىمىي كومىتېتىنى قايتىدىن تەشكىل قىلغان.